چەتئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىغا دىققەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 17:08

زۇڭلى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلات چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى، ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقى، ياپونىىيە ئىقتىساد ئاگېنتلىقى، ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقى، ياپونىيە رادىيو جەمئىيىتى ھەمدە ئىتالىيە «24 سائەت قۇياش گېزىتى»، «مىلان مالىيە ئىقتىساد گېزىتى»، «كەچلىك پوچتا گېزىتى» قاتارلىق ئاساسىي تاراتقۇلار ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى چوڭ ھەجىمدە خەۋەر قىلدى ھەمدە ھەر تەرەپلىمە مۇلاھىزە قىلدى.

زۇڭلى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلات چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى، ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقى، ياپونىىيە ئىقتىساد ئاگېنتلىقى، ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقى، ياپونىيە رادىيو جەمئىيىتى ھەمدە ئىتالىيە «24 سائەت قۇياش گېزىتى»، «مىلان مالىيە ئىقتىساد گېزىتى»، «كەچلىك پوچتا گېزىتى» قاتارلىق ئاساسىي تاراتقۇلار ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى چوڭ ھەجىمدە خەۋەر قىلدى ھەمدە ھەر تەرەپلىمە مۇلاھىزە قىلدى.

ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى 2019-يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى نىشانىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ قاتارلىق ئىقتىسادنى قوزغىتىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىقتىساد چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پوزىتسىيەسىنى ئېنىق بىلدۈردى. خەۋەردە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشنى ساقلاش ساقليالماسلىقى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. دەپ قارالدى. ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە 2019-يىلى 2 تىرىليون يۈەنلىك كۆلەمدە باجنى كېمەيتىش ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى، يادرولۇق سىياسەت كارخانىلارنىڭ باجنى كېمەيتىشى، قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياسىمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ھازىرقى %16 لىك باج نىسبىتى %13 كە چۈشىرىلىدۇ ھەمدە كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققىنى تۆلەش يۈكى يېنىكلىتىلىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئىدارە-ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەققى نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ، باجنى كېمەيتىش ھەقنى تۆۋەنلىتىش كۆلىمى 2018-يىلىدىكىدىن %80 كېڭەيتىلىدۇ.

ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، ئىتالىيەدىكى ھەر قايسى ئاساسلىق تاراتقۇلار جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا دىققەت قىلدى، ئىككى يىغىن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆزىتىدىغان مۇھىم كۆزنەك دەپ قارىدى، بولۇپمۇ ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش داۋالغۇشلارغا ئۇچرىغان، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسى زەربىگە ئۇچراۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىدا چىقىرىلغان بىر يۈرۈش ئاكتىپ سىگناللار يەر شارىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارىدى.

ئىتالىيەدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان ئىقتىساد تۈرىدىكى گېزىت«24 سائەت قۇياش گېزىتىنىڭ» 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ھەققىدە ئوۇميۈزلۈك چوڭقۇر خەۋەر بېرىلدى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا 2019-يىللىق ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشى %6 تىن %6.5 كىچە قىلىپ بېكىتىلدى. ماقالىدا مۇنداق دەپ قارالدى: خەلقئارا ئىقتىساد سودا مۇھىتى ئېنىقسىزلىق ۋە خەۋپ-خەتەر خىرىسىغا تولغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بۇ نىشان تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى بىلەن بىردەك بولۇپلا قالماستىن، بازار كۆزلىمىسىگە ئۇيغۇن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق.

ئىتالىيەدىكى باشقا بىر تەسىر كۈچى بىر قەدەر زور بولغان ئىقتىساد تۈرىدىكى گېزىت «مىلان مالىيە ئىقتىساد» گېزىتىدە ئىككى يىغىن ھەققىدە مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ، دۇنيانىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىنى كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە قىلدى. ماقالىدا جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى قۇۋۋەتلەندى، بۇ تەشەببۇس ئىتالىيەگە نىسبەتەن مىسلىسىز مۇھىم پۇرسەت دەپ قارالدى.

ئىتالىيەدىكى تارقىتىلىش سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئۇنىۋېرسال گېزىت«كەچلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدا جۇڭگونىڭ 2018-يىلى قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات قاتارلىق مەزمۇنلار خەۋەر قىلىندى. ماقالىدا مۇنداق دەپ قارالدى: كەلگۈسى تەرەققىياتتا يولۇقىدىغان خىلمۇ-خىل خرسلارغا قارىتا جۇڭگو ھۆكۈمىتى سەگەك تونۇش ۋە ھۆكۈمگە ئىگە. دۇنيا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تولۇپ تاشقان ئىشەنچىدە. ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: گەرچە 2018-يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرقەدەر ئاستىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادى تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە غەرب ئەللىرىنىڭ يېتىشۋېلىشى يەنىلا تەس. ماقالىدا جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش جەھەتتىكى يۈرۈشلۈك تەدبىرلىرىگە دىققەت قىلىندى، جۇڭگو ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ھەمدە ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش جەھەتتە داۋاملىق كۈچەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن ئىكىلوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ دەپ قارالدى.