ئېلىمىز يېمەكلىك، دورا ساھەسىنى ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 17:06

3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېچىلغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنىدا، دۆلەتلىك بازار نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن دۆلەتلىك دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى پۇقرالار كۆڭۈل بۆلگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ساختا، ناچار مەھسۇلاتلار، ساغلاملىق بۇيۇملىرىدىكى قالايمىقان ئەھۋاللار، دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى.

دۆلەتلىك بازار نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى نۆۋەتتىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە ساقلىنىۋاتقان دېھقانچىلىق، مال دوختۇرلۇق دورىلىرىنىڭ قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش، مىكروئورگانىزم ۋە ئېغىر مېتالدىن بۇلغىنىش، يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى ئىشلىتىش قېلىپلاشماسلىق، ساختا مەھسۇلاتلارنى ياساش، سېتىش مەسىلىسى يۈز بېرىپ تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك بازار نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ خىزمەتنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم ئورنىتىش، ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، ئەڭ قاتتىق جازانى يولغا قويۇش، مەسئۇلىيەتنى ئەڭ قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت تۆتتە ئەڭ قاتتىق بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

دۆلەتلىك دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جياۋ خۇڭ ۋاكسىنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى قاراپ چىقىشىدىن ئۆتكەن ھەم جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىنىشقا باشلىغان «ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى لايىھەسى»دە، ۋاكسىنا-ئىستراتېگىيەلىك ۋە جامائەتچىلىككە ئىگە، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلمىنى قايتا تەڭشەشكە مەدەت بېرىلىپ، ۋاكسىنا قاراتمىلىق ھالدا ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېن چاڭيۈ ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتىكى جازالاش خاراكتېرلىك تۆلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلىشىنى تونۇشتۇرۇپ، پاتېنت قانۇنىغا 4-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە تاماملىنىشىدىن ئۈمىد بار دېدى. شېن چاڭيۈ بۇ قېتىم پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتىكى جازالاش خاراكتېرلىك تۆلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش-پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، كەشپىيات، ئىجادىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە دېدى.