چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تەيۋەنگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلارغا دىققەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 18:21

يېقىندىن بۇيان، چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلارنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىپ، « بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»− جۇڭگوچە ئەقىل-پاراسەتكە تولغان، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پايدىلىق ئىلھام ئېلىپ كەندى دەپ ھېسابلىدى.

تۈركىيە ئەنقەرە سىياسەت مەركىزىنىڭ شەرقىي ئاسىيا مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئۈمىد ئالپېرېن مۇنداق دېدى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى بولۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى.

تۇنىسنىڭ ئاخبارات ئوبزورچىسى جاسمى جۇمە مۇنداق دېدى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نايامەن قىلدى، ئۇ باشقا دۆلەت ياكى رايونلارنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىنى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بېلارۇسىيە تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نىنا ئىۋانوۋا مۇنداق دېدى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش » ئارقىلىق، جۇڭگو دۇنيانى مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان مۇھىم پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا قوشقان تۆھپىسى.

ھىندونېزىيە ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ساراسۋاتى مۇنداق دەپ قارىدى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» جۇڭگونىڭ تىنچلىق پەلسەپە پاراسىتىنى گەۋدىلەندۈردى، «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.