ب د ت ۋە كۆپ دۆلەتلەر ئېفىيوپىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 18:23

ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئېفىيوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس ئەبېبەدىن كېنىيەنىڭ پايتەختى نايروبىغا بارماقچى بولغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېفىيوپىيە تەۋەلىكىگە چۈشۈپ كەتتى، ئايروپىلاندىكى 157 يولۇچى ۋە ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دىيارىك مۇنداق دېدى: باش كاتىپ گۇتېررېس يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ۋەقەگە ئۇچرىغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇردى. بەختسىزلىككە ئۇچرىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى بىرلىكتە دەلىللەش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېفىيوپىيە ئالاقىلاشماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى پالادىنو بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئېفىيوپىيە ۋە كېنىيەدىكى ئەلچىخانىلىرى ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشماقتا، ئۇلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ.

كورىيە دىپلوماتىيە مىنىسىرلىقىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئېفىيوپىيە خەلقىنىڭ قايغۇ ۋە ساراسىمىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇنىڭدىن باشقا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي، گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماس قاتارلىقلارمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى ئارقىلىق بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى.