ۋەكىل ۋە ئەزالار چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى ۋە قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-12 18:34

2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى نەچچە كۈندىن بۇيان چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى ۋە قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى.

ۋەكىل ۋە ئەزالار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ئىلگىرىكى «تاشقى مەبلەغكە ئائىت ئۈچ قانۇن» بىرلەشتۈرۈلگەن، يېڭى دەۋردىكى ئېلىمىزنىڭ تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىشىدىكى ئۇللۇق قانۇنغا ئايلىنىدۇ، ئەھمىيىتى زور. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خېبېي ئۆلكىسى چىڭخۇاڭداۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى جاڭ رۈيشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى قانۇننى بىرلەشتۈرۈش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن قولايلىق، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەت تۈزۈپ چېقىلىپ ھەمدە قانۇن تۇرغۇزۇش شەكلىدە چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىجازەت بېرىلگەندىن كېيىن باراۋەر مۇئامىلىدىن بەھرىمان قىلىنىدۇ.

چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى تۈزۈش ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىدىن سىگنال بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىلى، جياڭشى ئۆلكىلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ فەن مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك مەبلەغ سېلىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، دۇنيادىكى سودىگەرلەرنى تېخىمۇ ئەركىن، تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، دۇنياغا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كۈچلۈك سىگنالى ۋە ئىرادىسىنى نامايەن قىلىشىمىز كېرەك.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دەي خۇڭبىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قانۇندا چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار ئۇزۇن مۇددەت دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئېنىق ئىنكاس قايتۇرۇلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شاڭخەي شەھەرلىك ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، پارتى گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ شياۋيۈن مۇنداق تەكلىپ بەردى: كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، ئالاقىدار يۈرۈشلۈك سىياسەتلەر تەپسىلىيلەشتۈرۈلۈپ ۋە تولۇقلىنىپ، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ساھەسىگە ئالاقىدار يۈرۈشلۈك تۈزۈمنى ماسلاشتۇرۇش كۈچەيتىلسە.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جۇ گۇاڭچۇەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان تۈرلەرگە مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزىمى مۇكەممەللەشتۈرۈلسە ماجرا كېلىپ چىققان ھامان قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.