دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا: جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، دېدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتى يېقىندا مۇنۇلارنى ئېنىق بىلدۈرگەن: «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئىتالىيەگە نىسبەتەن پۇرسەت، ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. كونتى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى بۇ تەشەببۇسقا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش ھەمدە سۆزلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: «ئىتالىيە مۇھىم سانائەتلەشكەن دۆلەت ۋە تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادى گەۋدە. بىز ئىتالىيەنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» نى تەڭ قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. ئىشىنىمىزكى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشىغا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سانائەتچىلەر ساھەسى ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ پايدا يەتكۈزىدۇ.