دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈن 3-ئاينىڭ 12-كۈنى خەلق سارىيىدىكى «مىنىستىرلار كارىدورى»دا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدا يۇقىرى مائاشلىقلار قاتلىمىنىڭ بېجىنى كېمەيتىش دائىرىسى %100 بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 80 مىليون ئادەمنىڭ شەخسى تاپاۋەت بېجى پۈتۈنلەي كېمىيىپ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرمايدىغان بولدى، تەخمىنەن 65 مىليون ئادەمنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى %70 دىن ئارتۇق كېمەيدى.
ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا 2 تىرىليون يۈەنگە يېقىن بىر يۈرۈش كەڭ كۆلەملىك باجنى كېمەيتىش ھەقنى ئازايتىش تەدبىرى ئېلان قىلىندى. يۆنىلىش جايىدا، كۆلىمى مسلىسىز بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدىن %50 ئارتۇق كۆپەيدى.
بۇنىڭ ئىچىدە يەككە باج كېمەيتىش كۆلىمى شۇ يىلقى خامچوتتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان باج تارماقلىرىنىڭ تەشكىلىي كىرىمىنىڭ %10 دىن كۆپرەكىگە باراۋەر. بۇ ھەقىقىي، چىڭ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك باجنى كېمەيتىش ھەقنى ئازايتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ۋاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىدارىمىز 3-ئاينىڭ 5-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى باج سىستېمىسىغا ياخشى تەييارلىق كۆرۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى ھەمدە 3-ئاينىڭ 8-كۈنى باجنى كېمەيتىش ھەقنى ئازايتىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چېتىشلىق 15 تۈرلۈك باج ئىسپاتىنى يەنە بىكار قىلىشنى قارار قىلدى، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن باجنى كېمەيتىپ ھەقنى ئازايتىشنىڭ ھەقىقىي، چىڭ ئەمەلىيلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.