سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-سانلىق يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 10:54

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-سانلىق يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات (لايىھەسى)، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارار ( لايىھەسى ) ماقۇللاندى. يىغىندا يۇقىرىقى ھۆججەت لايىھەلەرنى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدىغان سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندىن ئىلگىرى، ۋاڭ ياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 18-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلىپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، تۈرلۈك دوكلاتلار ۋە قارار (لايىھەلىرى)گە قاراپ چېقىلدى.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، يىغىن قارالما ۋە كۈن تەرتىپىكە ئاساسەن ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى. ئەزالار دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە تۈرلۈك قارار (لايىھەلىرى)گە ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى ئىلگىرىلەشلىرى، يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، تەكلىپ-مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش، خەلق سىياسىي كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى، تېخىمۇ قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپ بەردى. ئەزالار ئۆز ساھەسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتى، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسى ۋە «ئىككى مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلدى، ساھەلەرنىڭ كېڭىشىشى، مۇزاكىرىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلبە قىلىش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قارىتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەل قەلبىنى، ئورتاق تونۇشنى، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى، كۈچلەرنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.