13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 10:56

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2-قېتىملىق يىغىن ئاچتى.

ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە 3-ئاينىڭ 6-كۈنى پۈتۈن بىر كۈن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر دوكلاتنى ئومۇميۈزلۈك قۇۋۋەتلىدى، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇ يىلقى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قۇۋۋەتلىدى. قاراپ چىقىش جەريانىدا ۋەكىللەر بەزى تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى بەردى. گوۋۇيۈەن ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ تولۇقلىدى، جەمئىي 83 ئورۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە دوكلاتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى تەستىقلاش تەكلىپى بەردى، ھەمدە ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىغا ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىغا ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى يىغىندا مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھەققىدە دوكلات بەردى. مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاش تەكلىپى بەردى، 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى ياۋبىن يىغىندا مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھەققىدە دوكلات بەردى. مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2018-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاش تەكلىپى بەردى، 2019-يىللىق مەركەز خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2019-يىللىق يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئادەتتىكى قەرز قالدۇقى چېكىنى 13 تىرىليون 308 مىليارد 922 مىليون يۈەن، مەخسۇس قەرز قالدۇقى چېكىنى 10 تىرىليون 768 مىليارد 508 مىليون يۈەن قىلىپ تەستىقلىدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ بۇ ئىككى تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتى ماقۇللاندى.

گوۋۇيۈەن ۋەكىللەرنىڭ تەكشۈرۈش پىكرىگە ئاساسەن، بۇ ئىككى دوكلاتقا ئەستايىدىل تۈزىتىش كىرگۈزدى. ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ تەكشۈرۈش پىكرى، دوكلاتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى ۋە مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتىغا ئاساسەن، پىلان دوكلاتى ۋە پىلان لايىھەسى، خامچوت دوكلاتى ۋە مەركەز خامچوتى لايىھەسىنى تەستىقلاش تەكلىپى بەردى، پىلان دوكلاتى ۋە دوكلات، خامچوت دوكلاتى ۋە خامچوتقا ئالاقىدار ئىككى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يۇقىرىقى ئىككى قارار لايىھەسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى پۈتۈن بىر كۈن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىگە ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكىرىگە ئاساسەن، چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىپ، لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى فىينىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.