13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 10:53

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چېقىلدى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2974 بولۇپ، 2948 ۋەكىل قاتناشتى، 26 ۋەكىل قاتنىشالمىدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن. يىغىن باشلىنىشى بىلەن ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: ھازىر 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2975 ۋەكىلى بار، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ مىنگاڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، بىز يىغىن نامىدىن ۋەكىل ۋاڭ مىنگاڭنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ 2018-يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەرنى يەتتە جەھەتتىن دوكلات قىلدى؛ بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردۇق؛ ئىككىنچى، جىنايەتنى قانۇن بويىچە جازالاپ، خەلقنى قوغداپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدۇق؛ ئۈچىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇلازىمەت قىلدۇق؛ تۆتىنچى؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەدلىيە ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇردۇق؛ بەشىنچى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئەقلىي سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتلاش سىستېمىسى ۋە سوتلاش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ ئالتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، سوت مەھكىمىلىرىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن خەلق سوت مەھكىمىسى قوشۇنىنى بەرپا قىلدۇق؛ يەتتىنچى، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئەدلىيەنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، ئەدلىيەنى ئادىل يۈرگۈزۈشكە تۈرتكە بولدۇق.

جۇ چياڭ مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «ئىجرا قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش» ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2016-يىلى 3-ئايدا «ئىجرا قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئىككى، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاساسەن ھەل قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، خەلق سوت مەھكىمىلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە ئىجرا قىلىش تۈزۈمى، مېخانىزىمى ۋە قېلىپىنى ئاساسەن شەكىللەندۈردى، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئىناۋەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىجرا قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش» دەك بۇ باسقۇچلۇق نىشاننى ئۆز قەرەللىدە ئىشقا ئاشۇردى.

جۇ چياڭ 2019-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بەش جەھەتتىن دوكلات قىلدى: بىرىنچى، مېڭىمىزنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ ئىككىنچى، سوتلاشنىڭ فۇنكىتسىيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيلىقى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىمىز. ئۈچىنچى، ئەدلىيەنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز؛ تۆتىنچى، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز؛ بەشىنچى، قوشۇننى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان يۇقىرى ساپالىق سوت مەھكىمىسى قوشۇنىنى بەرپا قىلىمىز.

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن 2018-يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەرنى بەش جەھەتتىن دوكلات قىلدى: بىرىنچى، تەپتىش فۇنكىتسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىيلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەدلىيەنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزدۇق؛ ئىككىنچى، دەۋا پائالىيىتىنى قانۇن جەھەتتىن نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەدلىيەنىڭ ئادىللىقى، ئىناۋىتىنى قوغدىدۇق؛ ئۈچىنچى، جامائەتچىللىق دەۋالىرىنى قانۇن بويىچە كۆپەيتىپ، جامائەتچىللىق جەھەتتە قوغداش ئالىيجاناب بۇرچىمىزنى ئادا قىلدۇق؛ تەپتىشنىڭ نازارەتچىلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى تېخىمۇ قاتتىق تەلىپىگە ماسلاشتۇق؛ بەشىنچى، خەلقنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، تەپتىش ھوقۇقىنىڭ ئۆلچەملىك يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق.

جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: 2019-يىللىق تەپتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئەڭ مۇھىم ئىش-شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئىش-خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەڭ جىددىي ئىش-مۇقىم ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەتنىڭ ئاساسىي روھىدا چىڭ تۇرۇش. بىرىنچى، «مۇقىم ئىلگىرىلەش» تىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىيلىقنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىككىنچى، «ئەمەلىيلەشتۈرۈش» تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۈچىنچى، «يۇقىرى كۆتۈرۈش» تىن ئىبارەت بۇ نىشاننى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى تەپتىش خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، يېڭى رول ئويناش كېرەك.