لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭلار 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 16:11

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭلار تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا ئايرىم-ئايرىم قاتناشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ نىڭشا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەدلىيەنى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نىڭشيانىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭشيا خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈپ، مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپ، خەلقنى باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ سەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەنشى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»تا قەتئىي چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى لياڭنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لياۋنىڭنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لياۋنىڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ھەر تەرەپلىمە گۈللىنىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىقنىڭ شەكىللىنىشىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى ئۆز دەرىجىسى بويىچە، ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» ئىستىلى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئوتتۇرا قىسىمنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىپ، گۈزەل ئىستىقبال بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە ساھەلەردە تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ئۆزىنى تېخىمۇ زور تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.