13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ئىككى مەھكىمە» نىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقتى. ئىككى ئالىي مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋەكىللەرنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ئۇلار ئۆتكەن بىر يىلدا «ئىككى مەھكىمە»نىڭ خىزمەتلىرىدە ئەدلىيەنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلدى ۋە ياخشىلاندى دەپ ھېسابلىدى.