دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 16:18

قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار كۈچلۈك بولسا، دۆلەت كۈچلۈك بولىدۇ. قانۇن-دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى، ياخشى قانۇن-ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي گىرەلىشىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش-قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تايىنىشقا، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ موھتاج.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جۇ ۋېيجيەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇلۇشىدا زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئۈستىگە ئېلىپ، قانۇن تۈزۈش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، نازارەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەڭ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان، كەڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان بىر يۈرۈش ياخشى قانۇنلار دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇستەھكەم ئۇل تېشىنى شەكىللەندۈردى.

ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى-«ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ قامۇسى» دەپ تەرىپلەندى، قانۇن چىقىرىش پىلانىغا ئاساسەن، 2020-يىلى، يەنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇنغان چاغدا، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى تۈزۈلۈپ بولىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى فېڭ فەن مۇنداق دېدى: قانۇنچىللىق-ئەڭ ياخشى تىجارەت-سودا مۇھىتى، بىز بۇندىن كېيىن قانۇنچىللاشتۇرۇش تەپەككۇرى، قانۇنچىللاشتۇرۇش ئىدىيەسى، قانۇنچىللاشتۇرۇش ئەندىزىسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالغان، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، رەھبىرى كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق ئاز سانلىقلارنى چىڭ تۇتۇش شەرت دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ جۇڭشەن مۇنداق دېدى: قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشتا، مەمۇرىي ھوقۇققا بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئۇنى قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

ئادىللىق، ھەققانىيلىق-پارتىيەمىز ئىنتىلگەن ناھايىتى ئالىيجاناب قىممەت، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ باش مەقسىتى-بىزنىڭ ئادىللىق، ھەققانىيەتكە ئىنتىلىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئادالەتنى ياقىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بەلگىلىگەن. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىش شەرت.