بۇ يىللىق پۈتۈن ئارمىيەگە مەمۇرىي خادىملارنى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 16:20

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى 2019-يىللىق پۈتۈن ئارمىيەنىڭ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ مەمۇرىي خادىملارنى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قانات يايدۇردى.

بۇ قېتىمقى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىشتا، ئاساسلىقى بىر تۈركۈم مەمۇرىي خادىملار ئاساسلىق كەسىپ سىستېمىسى، نۇقتىلىق، ھالقىلىق ئىش ئورۇنلىرى ۋە جاپالىق چەت-يىراق جايلارغا بېرىپ ئىشلەشكە قوبۇل قىلىنىدۇ. پىلاندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، ئارمىيە ئىختىساسلىقلار تورى ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ، 4-ئاينىڭ 28-كۈنى پۈتۈن ئارمىيە بويىچە تەشكىللىنىپ بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. ئىمتىھان مەزمۇنى-ئاممىۋى پەنلەر ۋە مەخسۇس پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئىمتىھان دائىرىسى، مەزمۇنى ۋە كونكرېت تەلىپى ئارمىيە ئىختىساسلىقلار تورىدا ئېلان قىلىندى. 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يۈزتۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، سىياسىي ئىمتىھان، ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش، ئېلان قىلىش، تەستىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەر تاماملىنىدۇ.