شى جىنپىڭنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 16:22

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قىلغان مۇھىم سۆزى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

ۋەكىللەر: رەئىسنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تەربىيەگە ئېرىشتۇق، زور ئىلھام ئالدۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىدە، ئارمىيەنىڭ زېممىسىدىكى مۇقەددەس بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، دېيىشتى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ چىققان ئارمىيە ۋەكىللىرى قاتتىق ھاياجانغا چۆمدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى داڭ زىڭلۇڭ يىغىندا ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتىشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىسنىڭ سۆزى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. يېڭى تۈزۈلمە، يېڭى ئىش ئورنى قاتارلىقلار نۇرغۇنلىغان يېڭى ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنى تەڭ ھەل قىلىپ، تەڭ كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسى ئاچقۇچلۇق يىلدا، ئاچقۇچقلۇق ۋاقىتتا، ئاچقۇچلۇق پەيتتا بېرىلگەن ئاچقۇچلۇق كۆرسەتمە بولدى، ناھايىتى مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ھاۋا ئارمىيەسى جاپدۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جۇ چېڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئارمىيەمىزنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ھەققىدە پۈتۈن ئارمىيەگە ئېنىق كۆرسەتمە بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ «13-بەش يىللىق پىلان بىلەن 14-بەش يىللىق پىلاننى ياخشى ئۇلاشتۇرۇپ، نىشانىمىزنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ» دەپ تەكتىلىدى، بۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. جاپدۇق خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسىنى خىزمىتىمىزنىڭ ئاساسىي قوللانمىسى قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى توغرا پەملەپ، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى چېن جيەنفىي مۇنداق دېدى: رەئىسنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى تەلىپى كۆپچىلىكنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ «غورىگىل كۈن ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى تىكلەپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى نۇرلاندۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. ئىدارىمىزغا نىسبەتەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ۋەزىپە ئادا قىلىش جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي باشقۇرۇش، ئىنچىكە ھېسابلاش، تېجەشلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئارمىيەگە بەرگەن راسخوتىنى ياخشى ئىشلىتىش، ياخشى باشقۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

پۈتۈن ئارمىيە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى دەل ۋاقتىدا ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم تۈەنى چېگرادا يىلتىز تارتىپ، ئېگىزلىكنى قوغداپ كەلمەكتە. تۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى گاۋ باۋ مۇنداق دېدى: ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر رەئىس بەرگەن كۆرسەتمىنىڭ تەلىپى بويىچە، يەرلىكنىڭ قۇرۇلۇشىنى پائال قوللاپ، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بەل باغلىدى. چەت-يىراق رايونلارنى قوغداۋاتقان قىسىم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما بىلەن تۇغقانلىشىپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت ئاممىسىغا يەتكۈزدۇق. كېلەركى قەدەمدە بىز يەرلىك بىلەن ماسلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئارمىيە-ساقچى-خەلق بىرلىشىپ قۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە خەلقنى سۆيىدىغان، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ يارىتىمىز.

شەرقىي شىمالدا ئۇرۇش تەييارلىقى دىجورنىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان راكېتا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم قىسمى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى خەۋەر كۆرۈشكە ۋاقتىدا تەشكىللىدى. بۇ قىسىمنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى گو كېخۈي مۇنداق دېدى: رەئىسنىڭ ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، جەڭگە تەييارلىق قىلىش خىزمتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى كۆرسەتمىسى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ كۈرەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى، راكېتا ئارمىيەسى قىسمى دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن زىممىسىدىكى بۇرچى ئېغىر. رەئىسنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بىرىنچى سەپتىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر زور ئىلھام ئالدۇق، مەشىق ئۇسۇلى ۋە ئۇرۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە كۈچەپ، ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىغىمۇ تەلەپ قويدى. قوراللىق ساقچى قىسىم خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك باش ئەترىتى چىتەيخې تارماق ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى رەئىسنىڭ سۆزىنى ئۆگىنىپ، ئىسلاھات ۋە ئارمىيەنى قۇدىرەت تاپقۇزۇشقا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

تارماق ئەترەتنىڭ سىياسىي كومىسسارى تاڭ ليەنجيا مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتتا قوراللىق ساقچى قىسىمغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ. بىز ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى توغرا پەملەپ، قىسىمنى قاتتىق چېنىقتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتا بىمالال تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.