چەتئەل تاراتقۇلىرى: جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە «باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش»نى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى-سۇنى جىقلاپ، بېلىقنى كۆپەيتىپ، بازارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 16:15

بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىككى يىغىندا، «باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش» قىزىق نۇقتىلىق سۆز بولۇپ قالدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىن مالىيە مىنىستىرى ليۇ كۈننىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشگىچە، يەنە ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ قىزغىن مۇھاكىمە قىلىشىغىچە «2019-يىلى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش» جامائەتچىلىك دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. چەتئەل تاراتقۇلىرى بەس-بەستە ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو بۇ يىل ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەملىكەت ئىچى بازىرىنى كۆزلەشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە كەڭ كۆلەمدە باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «سۇنى جىقلاپ، بېلىقنى كۆپەيتىش» بولۇپ، بازار ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش.

ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى يەنىلا كۆرۈۋالغىلى بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو بۇ يىل ئىچكى تەلەپنى ئاشۇرۇشنى قوللاشنى تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتۈردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مالىيە سىياسىتىدىن پايدىلىنىشنى بولۇپمۇ باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى تېخىمۇ تەكىتلىدى.

سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار بولۇپمۇ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن قوللاش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى مەملىكەت ئىچى بازىرىغا قارىتىش، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى تەلەپ قىلىش، شەھەر بازارلارنى ئەۋرشىم تۈزەشنى تەشەببۇس قىلىش، مۇلازىمەتنى تەپسىلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق تەپەككۇرلار نامايەن قىلىندى، بۇ كىشىگە يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدۇ.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئىلگىرىكى يىللاردىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش رىتىمىغا ئوخشىمايدىغىنى بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىغا «يۈكنى ئازايتىش» بىلەن «سۇنى جىقلاپ، بېلىقنى كۆپەيتىش» ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن، كەڭ دائىرىدە كارخانىلارنىڭ باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشىگە دىققەت قىلىنىپلا قالماستىن يەنە، ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكتىلىش مەسىلىسىگىمۇ دىققەت قىلىنغان.

ئامېرىكا «فۇربىس» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ بۇ يىل 2 تىرليون يۈەن يۈەنگە يېقىن باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى جاكارلىدى، ئۆتكەن يىلى بۇ سان تەخمىنەن بىر تىرىليون 300مىليارد يۈەن ئىدى. نومۇرا ئاكسىيەسى جۇڭگو رايونىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى لۇ تىڭ مۇنداق دېدى: قۇشۇلما قىممەت باج نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش باج تاپشۇرغۇچىلارغا 617مىليارد يۈەن پۇل تېجەپ بېرىدۇ، بۇ تېخى بىر قىسىم يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ ئالاھىدە باج ئېتىبار بېرىش جەريانىدا ئېرىشكەن كېمەيتىلگەن ۋە كەچۈرۈم قىلىنغان باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى موسكۋا دۆلەتلىك داشۆسى ئاسىيا-ئافرىقا شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاندېرى كارنىيېۋنىڭ ئوبزورىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق خەۋەر بەردى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشى دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشى بىلەن بولغان باغلىنىشچانلىقى كۈنسېرى قويۇقلاشماقتا. مۇھىمى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىدىكى ئېنىقسىزلىق كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو جانلىق، مۇقىم بولغان پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇشنى پىلانلىدى ھەمدە كەڭ كۆلەمدە باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلەتتى، بۇ ئۆز كارخانىلىرىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتىش ھەمدە پۇل مۇئامىلە كىرزىسى يۈز بېرىشنىڭ ئېھتىماللىقىنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.

ئامېرىكا «چياۋمىن گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: پۈتۈن يىلدا كارخانىلارنىڭ بېجى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش يۈكى ئىككى تىرىليون يۈەنگە يېقىن ئازايتىلىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بۇلتۇرقى تەخمىنەن بىر تىرىللىيون 300 مىليارد يۈەندىن خېلىلا كۆپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى تۆۋەنلەش بېسىمىغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا يولغا قويۇلغان مۇشۇنداق زور كۆلەملىك باج كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىن جۇڭگو مالىيەسى دۇچ كېلىۋاتقان بېسىمغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو مالىيە قىزىل رەقىمى نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشكە تايانماي، بەلكى تېجەشلىك بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، باج كېمەيتىش-ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ھۆكۈمەتنىڭ چىقىمىنى ئازايتىش بىلەن بىر تۇتاش ئويلىشىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بەردى. زۇڭلى لى كېچياڭ دوكلاتتا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۈرۈشۈش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش تەلىپىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى، بۇ شۈبھىسىزكى مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتىدا: كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى قوللاش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەيدۇ، ئادەتتىكى چىقىمنى %5دىن كۆپرەك ئازايتىدۇ، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتى»نى يەنە %3 ئەتراپىدا قىسقارتىدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ چىقىم قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، تۈرلۈك مەبلەغ ۋە مۈلۈكىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق جانلاندۇرىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خەۋەردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىساد قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، سۇنى جىقلاپ بېلىقنى كۆپەيتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى قوزغىتىش كېرەك.