ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى
مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 17:55

 يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس مۇھىم تەستىق سېلىپ، 2019-يىلى ئاساسىي قاتلاملارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان بەزى شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ياخشى يەڭگىللىتىش، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، 2019-يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىش قارار قىلىندى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ تەلەپلىرى توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش چىقىرىمىز.

  1. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىكى ساپ بولماسلىق، سىياسىي نەتىجە قارىشى ناتوغرا بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش لازىم.

  2. قاتلاممۇ قاتلام ھۆججەت تارقىتىش، قاتلاممۇ قاتلام يىغىن ئېچىشنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ھۆججەت ۋە يىغىن زىيادە كۆپ بولۇش قايتا باش كۆتۈرۈشتەك مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

  3. پىلانلىق باشقۇرۇش بىلەن نازارەت قىلىپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش، باھالاش، سىناق زىيادە كۆپ بولۇش، زىيادە تەكرار بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش لازىم.

  4. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش لازىم.

  5. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم.