ئىككى يىغىننى چۈشەنگەندىلا، جۇڭگونى چۈشەنگىلى بولىدۇ
مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 18:02

 3-ئايدىكى جۇڭگو باھار تۈسىگە پۈركەندى؛ مارت ئايلىرىدىكى بېيجىڭ دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ بېيجىڭغا يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن باشلاندى، بۇ ھەم «ئىككى يىغىن مەزگىلى»دە جۇڭگونى ئوقۇپ چۈشىنىشتىكى مۇھىم كۆزنەكنى ئاچتى.

  ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنى ئوقۇپ چۈشەنگەندە، جۇڭگونىڭ «ئىككى يىغىن»ىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ۋەكىللەر، ئەزالار ئىككى يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئاساسىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇلار بىر تەرەپتىن خەلق رايىنى ئىگىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن تەرەققىيات پىلانىغا باش قاتۇرۇپ، كۆۋرۈكلۈك ۋە تۈگۈنلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇلىنىشىنى تېخىمۇ زىچلاشتۇرىدۇ. ئۇلار خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، خەلق رايىنى ناھايىتى جانلىق ھېس قىلىپ، چوڭقۇر كۆزىتىدۇ؛ ئۇلار قانۇن يۈكلىگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى، دۆلەت تاپشۇرغان شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، دۆلەت ئەھۋالى ۋە سىياسىتىنى ئېنىق چۈشەنگەن، توغرا ئىگىلىگەن. ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى − خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئارزۇسىنى سادىقلىق بىلەن يەتكۈزۈش، دۆلەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش بولۇپ، ئىككى يىغىندىن ئىبارەت بۇ تۈزۈم لايىھەسىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى ۋە روشەن ئەۋزەللىكىنىڭ تۈپ نامايەندىسىدۇر.

  ئىككى يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىنى ئوقۇپ چۈشەنگەندە، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنى ئوقۇپ چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئىككى يىغىن ھەر يىلى ئېچىلىدىغان بولۇپ، كۈنتەرتىپى قارىماققا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر قايسىسىنىڭ چوڭقۇر مەنىسى بار. مەيلى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتى بولسۇن ياكى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى بولسۇن ۋە ياكى «ئىككى مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنى، زۇڭلىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنى... ھەممىسى ئىككى يىغىننىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك فۇنكسىيەسىنى، نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى چىڭ تۇتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «ھەر يىلى ئوخشىشىپ كېتىدىغان سوئاللار ۋە لېكىن جاۋابلار ھەر يىلى ھەرخىل». بۇ يىلقى ئىككى يىغىن گەرچە «ئادەتتىكى يىللىق قەرەللىك يىغىن» بولسىمۇ، بىراق ئادەتتىكى يىل ئادەتتىكىچە ئەمەس، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئۆتكەن بىر يىللىق نەتىجىلەرنىڭ قانداق سۆزلىنىدىغانلىقىغا، بۇ يىللىق تەرەققىيات نىشانلىرىنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىغا يۈكسەك دىققەت قىلماقتا؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسى جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە قانداق تەسىر پەيدا قىلىدۇ؛ دىپلوماتىيە جەھەتتە يەنە قانداق يېڭى سىگناللار قويۇپ بېرىلىدۇ... ئۇچۇرلار غايەت زور، يۇقىرى قاتلاملىق ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئەتراپلىق. بۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ چۈشەنگەندە، ئىككى يىغىن بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىككى يىغىن بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى، ئىككى يىغىن بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

  ئىككى يىغىندىكى «سوئال- جاۋاب»لارنى چۈشەنگەندە، جۇڭگو مۆجىزىسىنىڭ «شىفىر»ىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. «ئىككى يىغىن مەزگىلى» − خەلق ئاممىسى بىلەن دۆلەت ھەمتۈرتكىلىكى ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ زىچ بولغان پەيت بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئازاب نۇقتىلىرىدىن قۇتۇلىدىغان، دىققەتنى تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىسىغا قارىتىدىغان «ھەممە كۆز تىككەن مەزگىل»دۇر. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان، تەكلىپ، لايىھە ۋە پىكىرلەردە يېزىلغان، «مىنىستىرلار يولى»، «ۋەكىللەر يولى»، «ئەزالار يولى» ۋە ھەر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جاۋاب بېرىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلار بولۇپ، خەلقنىڭ سوئالىغا بېرىلگەن مەركەزلىك جاۋابلاردۇر. بۇ «سوئال-جاۋاب»لارغا خەلقنىڭ ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى نامايان قىلىنغان، دۆلەتنىڭ ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، يىغىندا ئىنكاس قايتۇرۇلۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى يىغىندىن كېيىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ؛ بۇ «سوئال- جاۋاب»لارغا جۇڭگونىڭ نېمە ئۈچۈن قىلالىغانلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قىلالىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەسقاتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت چوڭقۇر قائىدە يوشۇرۇنغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ دېموكراتىك، يۈكسەلگەن، مەدەنىي، ئېچىۋېتىلگەن جانلىق ئوبرازى نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو يولى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئېسىل ھېكايىلەر بايان قىلىنىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەپ، دۇنيانى تۈزەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئىدىيەلەر تارقىتىلغان.

  ئىككى يىغىن تۈزۈمى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تۇپرىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى بولۇپ، «جۇڭگوچە دېموكراتىيە»نىڭ مۇھىم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈش سۇپىسىدۇر. بۇ سۇپىدا بىز «كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىنى گەۋدىلەندۈردۇق؛ بۇ سۇپا ئارقىلىق بىز جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات داۋامىدىكى يادرولۇق قارالمىسىنى چۆرىدەپ ئورتاق تەدبىر ئويلاپ، بىرلىكتە كۈچەپ، يولدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، شەرەپلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولدۇق؛ بۇ سۇپا ئارقىلىق دۇنيا جۇڭگو تەشەببۇسى، جۇڭگو لايىھەسىنى يېقىن ئارىلىقتا كۆزىتىپ، ئەتراپلىق چۈشىنىدۇ، جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگونىڭ كۈچىنى ھېس قىلىدۇ.

  ۋەتىنىمىزدە يېڭى كەيپىيات جۇش ئۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتىمىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، خەلق ئاممىسىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، پۇختا تەتقىق قىلىپ تەييارلىغان تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئېلىپ، ۋەكىللەر، ئەزالار چوقۇم مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پائال چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، تەرەققىيات پىلانىنى بۇ يەردە ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگو لايىھەسىنى بۇ يەردە موللاشتۇرۇپ، ئىككى يىغىندىكى «جۇڭگو سېمفونىيەسىنى» تېخىمۇ كەڭ تارقىتىپ، تېخىمۇ يىراققا تەسىر كۆرسەتكۈسى.

  ئىككى يىغىن ئېچىلدى! ئىككى يىغىننى چۈشەنگەندە، جۇڭگونى چۈشەنگىلى بولىدۇ.