تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، گۈللىنىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى
مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 18:03

− 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  باھار كېلىپ ھەممە يەر ھاياتىي كۈچكە تولدى. بۈگۈن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  ئەتىيازدىكى چېچەكلەر كۈزدە مېۋە بېرىپ، مول ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى. ئۆتكەن بىر يىل پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىگە قارىتا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى-تاشقى ئىككى ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى مۇھىتتا يۈز بەرگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جۇڭگو كېمىسىنى باشقۇرۇپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، ئۇزاققىچە مۇقىم يۈردى. ئۆتكەن بىر يىل شۇنداقلا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان تۇنجى يىلى.

  بىر يىلدىن بۇيان، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى قەدەم ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پەقەت پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەتنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پىلانلاشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ.