بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتايلى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 18:04

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى ھەم سىياسىي پەزىلەت ھەم مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مەجبۇرىيەت.

«قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ، دېگەن داۋلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك.» مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈرلۈك مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، قاتمۇقات چېنىقىش جەريانىدا تەجرىبە توپلاشنىڭ كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىملىقىنى گەۋدىلىك تەكىتلەپ، كەڭ كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلارنى بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، قوزغىلىپلا ھەرىكەت قىلالايدىغان ھەرىكەتچىلەردىن بولۇش، ئولتۇرۇۋېلىپ قۇرۇق تەلىمات سۆزلەيدىغان پاراڭچىلاردىن بولماسلىققا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان كۈرەشچىلەردىن بولۇش، بوران - چاپقۇننى كۆرسىلا قورقىدىغان لاي بۇدساتۋالاردىن بولماسلىققا رىغبەتلەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كادىرلارنىڭ نىيىتىنى دۇرۇس قىلىپ، ئۆزىنى تەربىيەلىشى ئۈچۈن مۇھىم مىزان تىكلەپ بەردى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى ئۈچۈن ھەرىكەت يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

بىلىش ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى، ھەرىكەت بىلىشنىڭ تاماملىنىشى. ئىنتايىن مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتى ئالدىدا، مۈشكۈل بولغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشتا، بىز نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆپ ئويلاپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ مەنبەسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەت ئاساسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك. بىز كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنىڭ مەۋقەسىنىڭ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا؛ چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئىشلەشنىڭ مەۋقەسىنىڭ پۇختا ئىشلەشتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى قانداق ئۆگەنگەنلىكنى، قانداق ئىگىلىگەنلىكنى ئەمەلىيەت داۋامىدا سىنىشىمىز، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش داۋامىدا نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتا، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك. كەڭ كادىرلار چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، زىددىيەت ئالدىدا دادىللىق بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، كىرىزىس ئالدىدا دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، سەۋەنلىك ئالدىدا دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىيات ئالدىدا دادىللىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشى، كۈچلۈك زەربىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى، ھەقىقىي خىسلىتىنى ساقلىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئادەم ئىشلاردا تاۋلانغاندىلا مەزمۇت تۇرالايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەنگو دەۋرىدىكى جاۋ كونىڭ قۇرۇق پاراڭ سېتىشى، ئىككى جىن سۇلالىسىدىكى ئۆلىمالارنىڭ قۇرۇق تەلىمات سۆزلىشىنى كۆپ قېتىم مىسالغا ئېلىشى رەھبىرىي كادىرلارنى ئەمەلىيەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۈرەش قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ماڭىدىغان تۈز يول يوق، بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆرمىگەننى كۆرگەندىلا، ئاندىن بېلىنى رۇسلاپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرەلەيدۇ. بىر ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلغاندا ئالدىراقسانلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، مەزمۇت تۇرۇپ، سالماق بولۇپ، ھەقىقىي ماھارەت ئۆگىنىپ، ھەقىقىي قابىلىيەتنى چېنىقتۇرۇپ، جانلىق ئەمەلىيەتنى ئەڭ ياخشى دەرسخانا قىلىپ، بىرنەچچە قېتىم «قىزىق قازاندىكى چۈمۈلە» بولۇپ، قىيىن ئىش، جىددىي ئىش كەچۈرمىشلىرى داۋامىدا چېنىقىش كېرەك.

بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتا، دادىل مەسئۇل بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. دادىللىق بىلەن مەسئۇل بولالايدىغان - بولالمايدىغانلىقىدىن، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان - ئالالمايدىغانلىقىدىن بىر كادىرنىڭ پارتىيەۋىلىكى ۋە ئىستىلىنى ئەڭ ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەممىسىدە كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، مەسئۇلىيەتنى قانچە كۆپ زىممىگە ئالغانسېرى شۇنچە چوڭ نەتىجە ياراتقىلى، مەسئۇلىيەتنى قانچە كۆپ ئادا قىلغانسېرى شۇنچە زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. ئەمەلدار بولغان ئادەمنىڭ ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ئۆمۈرلۈك نومۇس ئىش، جاپالىق بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئېغىر يۈكنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان سادىقلىق، خەلققە بولغان سەمىمىي ساداقەتنى ئىزاھلاش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا - دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. يېڭى دەۋر كادىرلارنىڭ كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق، كادىرلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا ئېھتىياجلىق. سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەم كەڭ مۈرە بولۇش، يەنە پولاتتەك مۈرە بولۇش، ھەم سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش، يەنە قابىلىيىتى يۇقىرى، كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندا كەڭ كادىرلار چوقۇم بۇرچىنى ئادا قىلالايدۇ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويمايدۇ، بىز چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، يېڭى بۇرچ، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىدىغان، سانى يېتەرلىك، ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشقان، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ياش كادىرلار قوشۇنىنى قۇرالايمىز.