ۋەكىل ۋە ئەزالار يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ۋە دېھقانلار مەسىلىسىىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-13 18:01

3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ھەققىدە مەركەزلىك توختالدى. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ۋە دېھقانلار مەسىلىسى ۋەكىل ۋە ئەزالار بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان قىزىق مۇزاكىرە قىلغان تېما بولۇپ قالدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جېڭ جۈن مۇنداق دەپ قارىدى: يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ، مەن «شەھەر-يېزا شېرىكلىرى» يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش تەكلىپى بېرىمەن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى زو ۋېنشۆ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ جايىدا بولمىغانلىقى، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالار باھاسىنىڭ تېز ئۆرلەپ كېتىشى-يەرلەرنىڭ ئاق تاشلىۋېتىلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇڭا ئۇ رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى زورايتىپ، تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش تەكلىپى بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى كىم يەر تېرىسا شۇنىڭغا بېرىلىشى كېرەك، تەڭ تەقسىماتچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ. تېرىلغۇ يەرلىرىنى قوغداش سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك، بۇ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.

ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش توسۇقى بەك تۆۋەن بولۇش، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ساپاسى ئوخشاش بولماسلىق ھەمدە باھالاشتىكى ساختىلىققا قارىتا مۇناسىپ قانۇن جازاسى كەمچىل بولۇشقا قارىتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى گاۋ مىڭچىن «ئەدلىيەلىك باھالاش قانۇنىنى تېزرەك تۈزۈپ چىقىش كېرەك»دەپ تەكلىپ بەردى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ليۇ كې مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى تۇغقان يوقلاش تۈزۈمى دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالماي قالدى، بۇنىڭغا تېزدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك. مەن تۇغقان يوقلاش رۇخسىتى ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تۇغقان يوقلاش ئوبيېكتىنى كۆپەيتىش، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇغقان يوقلاشتا قېيىن ئاتا-قېيىن ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن رۇخسەت سوراشقا، ئاتا-ئانىلارنىڭ باشقا جايلاردا خىزمەت قىلىدىغان پەرزەنتلىرىنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەردىم.