مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شەكىلۋازىققا قارشى تۇرايلى، ھەرگىز شەكىلۋازلىق قىلماسلىق كېرەك، ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-14 10:57

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شەكىلۋازىققا قارشى تۇرايلى، ھەرگىز شەكىلۋازلىق قىلمايلى، ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.

پارتىيەمىز ئەزەلدىن شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇپ كەلگەن، ئوخشىمىغان تارىخىي باسقۇچتا پەيدا بولغان شەكىلۋازلىقلارنى تەنقىد قىلغان، شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت بۇ «ۋىرۇس»نىڭ پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىشىدىن قەتئىي مۇداپىئە كۆرۈپ كەلگەن.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھازىر مۇنداق ئەھۋاللار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ: نامراتلارنى دەل يۆلەش جەدۋەلنى دەل تولدۇرۇشقا ئايلىنىپ قالدى، خىزمەت قىلغاندا ئاۋۋال رەسىمگە چۈشۈپ ئىز قالدۇرىدىغان مۇشۇنداق تۈرلۈك تۈمەن شەكىلۋازلىقلار ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى قىينىماقتا. ھەتتا بەزىلەر: بىر تال مىققا مىڭ بولقا بولدى، دېيىشمەكتە. ھازىر يىغىننى ئاز، قىسقا ئېچىش، كارغا كېلىدىغان يىغىن ئېچىشتىن، خىزمىتىنى باھالاشنى ئاددىيلاشتۇرۇشقىچە، يەنە قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى ئۆز ئارا بىرىكتۈرۈشكىچە مەركەز زور كۈچ بىلەن ئاساسىي قاتلاملارنىڭ يۈكىنى، بېسىمىنى يېنىكلەتمەكتە، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرماقتا. بۇلار ئاساسىي قاتلامنىڭ ماتېرىيال، سانلىق مەلۇمات دۆۋىلەش، «تەشتەك مەنزىرىسى» ياساش قاتارلىق ناچار قىلمىشلىرىنى ئازايتىپلا قالماي يەنە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ كۆڭلىنى توق قىلىپ، يېنىك جابدۇنۇپ ئاتلاندۇردى.

ئوبزوردا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۈكنى يېنىكلىتىش ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىش ئەمەس، سۈپەتنى تۆۋەنلىتىشمۇ ئەمەس، شەكىلۋازلىق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ھۆججەت، يىغىن قاينىمىدىن، ئىز قالدۇرۇش باشقۇرۇشىدىن، زىيادە تەكشۈرۈشتىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىي ئىش قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار خىزمەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنلىيالايدۇ.