ۋاڭ ياڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىككىنچى يىغىنىدىن خەۋەر بېرىشكە قاتناشقان ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-14 11:00

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىككىنچى يىغىنىنىڭ ئاخبارات خىزمىتىگە قاتناشقان خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، نۇر گېزىتى، ئىقتىساد گېزىتى، جۇڭگو گېزىتى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى گېزىتى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى شۇنداقلا جۇڭگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ژۇرنال تەھرىراتىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە تەھرىر، مۇخبىرلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى، ئىككى يىغىندىن خەۋەر بېرىشكە قاتناشقان ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە چىن دىلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىننى ياخشى ئېچىش ھەققىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە، يىغىن ئىچى سىرتى، تور ئىچى سىرتىدا بىرلىشىپ خەۋەر بېرىشنى ھەمتۈرتكە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، گېزىت، تور، تېرمىنال، ئۈندىدار، ئېكران ئارقىلىق خەۋەر بېرىشكە ماس كۈچ چىقىرىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركەزلىك ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ بۇرچىنى ئادا قىلىشتىكى نەتىجىلەرنى كۆپ خىل شەكىل، كۆپ تەرەپ، كۆپ قاتلامدىن تەشۋىق قىلىپ، بارلىق ئەزالارنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۈستىدە تەكلىپ پىكىر بېرىشتىكى قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ، ئاساسى مېلودىيەنى نۇرلاندۇرۇپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلاپ، تور ئىچى ۋە سىرتىدا قەلبداشلىق چەمبىرىكى ھاسىل قىلىپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ۋاڭ ياڭ كۆپچىلىكنىڭ ئاساسى ئېقىم تاراتقۇسىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋىي ئىشەنچلىك كۈچى كۈچلۈك بولۇشتەك ئۈستۈنلىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئەل قەلبىنى ئىللىتىش، ئورتاق ئىرادە تىكلەشنى مەركەز قىلىپ، جۇڭگو ئاۋازىنى ياخشى يەتكۈزۈپ، سىياسىي كېڭەش ھىكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ياخشى تەكلىپ مەسلىھەت بېرىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە قوش يۆنىلىشلىك كۈچ چىقىرىشتىكى تەسىرلىك ئەمەلىيىتىنى ياخشى نامايەن قىلىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە غايەت زور ئۈستۈنلۈكىنى گەۋدىلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

خۇاڭ كۈنمىڭ، جاڭ چىڭلى، شيا باۋلوڭ قاتارلىقلار بىللە كۆرۈشتى.