مەركەزنىڭ ئاساسى قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى ھەرقايسى جايلاردىكى ئاساسى قاتلام كادىرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-14 11:02

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا« شەكىلۋازلىقتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسى قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2019-يىلنى ئاساسى قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى قىلىپ بېكىتتى، تاغدەك ھۆججەت ۋە يىغىن دېڭىزىدىن چىقالماسلىق، نازارەت، تەكشۈرۈش، باھالاش ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ئاساسى قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن بىرقاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللاندى، مەركەزنىڭ ھۆججىتىنىڭ روھى جايلاردىكى ئاساسى قاتلام كادىرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرىدىكى ئاساسى قاتلام كادىرى چېن فېڭ مۇنداق دېدى: ئاساسى قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسى قاتلام خىزمىتىدە ئىشنىڭ بېشىدىلا ئۇنىڭ ماھايىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكى، ئىنچىكە كۆزەتكەنلىكى شۇنداقلا ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. چاڭچۈن شەھىرى شىنچۈ تەرەققىيات ئىسلاھات ۋە سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ رۇي مۇنداق دېدى: يۈكنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدىكى ھەر بىر كونكرېت تەلەپتە ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلەر ئېيتىلىپتۇ، باش شۇجىنىڭ رىشتىنى ئاساسى قاتلامغا باغلاشتەك چوڭقۇر مۇھەببىتى تولۇق ئىپادىلىنىپتۇ. جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھىرى شاڭخەي يولى مەھەللە پارتكومىنىڭ شۇجىسى مېي شياۋلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز يېنىك جابدۇنۇپ سەپەرگە چىقىشقا تەققاززامىز، بىز تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىمىز ۋە زېھنى قۇۋۋىتىمىزنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئەمەلىيەلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىمىز. ئاساسى قاتلامغا تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت تەلەپلىرىنى ئىگىلەپ، مەھەللە مۇلازىمىتىنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرىمىز. خېنەن ئۆلكىسى جۇكۇ شەھىرى جۇلىجۇاڭ كەنتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجىسى لى خۇي مۇنداق دېدى: ئاساسى قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئاددىيلا ئازايتىش ئەمەس، ئۇنىڭدا يۈك ئازايغان بىلەن مەسئۇلىيەت ئازايمىدى، يۈك ئازايدى دېگىنىمىز خىزمەت ئازايدى دېگەنلىك ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ، تېخىمۇ زور قىزغىنلىق بىلەن ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، مەركەزنىڭ سىياسىتىنى ئاساسى قاتلامدا تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.