گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئىككى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلاپ، 6000 دىن ئارتۇق پىكىر - تەكلىپ يىغدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-14 17:55

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى خەلقنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش، ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، 207 نەپەر خىزمەتچى خادىم ئاجرىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى ئۆمەك، گۇرۇپىلىرىن يىغىنىنى سىرتتىن ئاڭلاپ، جەمئىي 6000 دىن ئارتۇق پىكىر - تەكلىپ يىغدى.

3-ئايىنىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكى چۈشكەن جايدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گېڭ شۆمېي بىرنەچچە ئالاھىدە مېھماننى كۈتۈۋالدى، ئۇلار خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى مەھكىمىسىنىڭ خادىملىرى ئىدى، بۇنىڭدىن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى گېڭ شۆمېي ئىنتايىن تاسادىپىيلىق ھېس قىلدى.

ئەسلىدە، 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىققاندا، گېڭ شۆمېي بىرنەچچە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قۇرۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ قارىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىن مەيدانىنىڭ بىر چېتىدا ئولتۇرغان گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىدىن كەلگەن سۈن فۇئەن ئەستايىدىل خاتىرىلىۋالدى. ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى قاراپ چىققان، ئەزالار مۇزاكىرە قىلغان مەزگىلدە ھەرقايسى ئۆمەك گۇرۇپپىلارنىڭ يىغىن مەيدانلىرىغا گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى سىرتتىن ئاڭلىغۇچى ئەۋەتتى، ئۇلار ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى خاتىرىلىدى.

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى 6000 مىڭدىن ئارتۇق پىكىر ـ تەكلىپ يىغدى، ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ ئومۇمىيلىققا ئىگە، تىپىك پىكىرلىرىدىن 463 نى تاللاپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 103 تۈرلۈك پىكىر تەكلىپ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشىغا تاپشۇرۇلدى.