زۇڭلى لى كېچياڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-14 18:06

مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ 3- قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالدا 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنى زىيارەت قىلغان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ.

شۇ چاغدا مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ، مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارغا قاراشلىق تور بېكەتلىرى ۋە يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى خەۋەر قىلىدۇ.