شىنجاڭ نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈردى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئەمەلىيەشتۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-14 18:06

ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باھار كېلىپ ھاۋا ئىللىدى، بارچە مەۋجۇداتلار جانلاندى. ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، يىغىن مەيدانىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆپ تەكىتلىنىدىغان سۆزگە ئايلاندى؛ يىغىن مەيدانى سىرتىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىكى خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتىلارغا بېرىلگەن جاۋابلاردىن شادلاندى ۋە ئىلھاملاندى، گۈزەل كەلگۈسىگە ئىنتىزار بولدى.
ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا « ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست » قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۆرۈشى سالمىقىنى زورايىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ گوۋۇيۈەننىڭ مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى، ۋەكىل خې شىڭلياڭنى ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىپ، 2020 ـ يىلىغا بارغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشكە ئىشەنچىسى بار.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن لېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن يۆلەش چوڭ سانلىق مەلۇمات سىستېمىسى سۇپىسى قۇرۇپ؛ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېرىلغۇ يەرلەرنى توغرا ئېنىقلاپ مۇۋاپىق تەقسىملەش، چېگرا رايوندىكى چېگرا قوغدىغۇچىلىرىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە تۆلىمىنى يولغا قويۇش، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت تەدبىرلىرىنىڭ تۆۋەن چېكى قاتارلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن دەل قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرىشىنى قەتئىي ياخشى قىلدى ۋە غەلىبە قىلدى .

2018 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ 537 مىڭ نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، 513 نامرات كەنتنى نامراتلىق سېپىدىن چېكىندۈردى، ئۈچ نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىدى. 22 ئېغىر نامرات ناھىيە 486 مىڭ 200 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، 444 كەنتنى نامراتلىق سېپىدىن چېكىندۈردى، نامراتلىقنىڭ كۆرىلىش نىسبىتىنى 2017 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %22.28 تىن %12.71 گە تۆۋەنلەتتى. 2019 - يىلى شىنجاڭ مۇھىم نۇقتىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار، ئالاھىدە نامراتلار توپى ۋە « ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش »كە تەسىر كۆرسەتكەن گەۋدىلىك مەسىلىللەرگە قارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 606 مىڭ 100 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 976 نامرات كەنتنى نامراتلىق سېپىدىن چېكىندۈرۈش ، 12 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى گازوڭ كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېرىلگەن نامرات ئاھالە ئامىنە ئاتاۋۇللا ئائىلىسىدىكى بەش كىشى ئىلگىرى يولدىشىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشى ۋە يەر تېرىقچىلىقى بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايتتى. 2018 - يىلى شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنى نامراتلارنى يۆلەش نۇقتىسى قىلىش، 3 يىلدا 100 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2018-يىلى 7-ئايدا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىر كىيىم - كېچەك شىركىتىنى كەنتكە كىرگۈزۈپ، كەنتتە كىيىم - كېچەك زاۋۇتى قۇردى؛ بىرەر ئارتۇقچىلىقى بولمىغان ئامىنە تەربىيەلەش ئارقىلىق زاۋۇتنىڭ بىرىنچى تۈركۈم ئىشچىسىغا ئايلىنىپ ، ئېيىغا 1800 نەچچە يۈەن ئىش ھەققى ئالدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل ياسىن سىدىق مۇنداق دېدى: بۇ يىل 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ، مائارىپ، داۋالاش ياردىمى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ؛ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئە كۆرۈپ ئاپەتنى ئازايتىش، ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇلىدۇ؛ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2020 ـ يىلى نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ.

ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل قۇرماش سىرجان مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خېلى كۆپ جايدا تىلغا ئېلىنىپ، دېھقانلار ئاممىسىغا بولغان غەمخورلۇق ئىپادىلىنىپتۇ.

دوكلات راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بولۇپ، كۆپچىلىكنى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.