13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-15 12:26

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنى تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، بۇ لايىھەنى قاراپ چىقىپ، لايىھە تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكىرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش تەكلىپ نۇسخىسى ماقۇللاندى؛ لايىھەنىڭ ئاۋازغا قويۇش تەكلىپ نۇسخىسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى .

3-ئاينىڭ 9ـ كۈنى پۈتۈن بىر كۈن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر بىردەك بۇ دوكلاتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرگە ئاساسەن، دوكلاتنىڭ توققۇز يېرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە 13 - كۈنى پۈتۈن كۈن ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى؛ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2019-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلاشقا بىردەك قوشۇلدى. قاراپ چىقىش داۋامىدا ۋەكىللەرمۇ بىر قىسىم پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئەستايىدىل تۈزىتىش كىرگۈزدى؛ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە دوكلاتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلاش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى؛ ھەمدە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى ئىككى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندا يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىرتەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. شىن چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 12 گىچە، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان 491 تەكلىپنى قوبۇل قىلدى، بۇ ئۆتكەن يىلدىكىدىن %51 كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدارلىرى 487، نازارەت قىلىشقا ئالاقىدارلىرى تۆت، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئوتتۇرىغا قويغىنى 14، ۋەكىللەر بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغىنى 477 گە يېتىدۇ. تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە مەركەزلەشكەن : بىرىنچى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش؛ ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش؛ ئۈچىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تۆتىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش؛ بەشىنچى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش .

يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر سۇنغان تەكلىپلەرنى بىر ـ بىرلەپ ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا قاراپ چىقىلىدىغان تەكلىپلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش زۆرۈر بولغان تەكلىپ يوق دەپ قارىدى. يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر سۇنغان تەكلىپلەرنى ئايرىم ئايرىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇش تەكلىپى بەردى. ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار يۇقىرىقى تەكلىپلەرنى قاراپ چىققاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى سۇنىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا بېسىپ تارقىتىدۇ. يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى قاراپ چىقىش ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى بەردى: ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى قاراپ چىقىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى قاراپ چىقىش سۈپىتى ئۆستۈرۈلسە؛ نۇقتىلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ؛ قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلسە؛ ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى قاراپ چىقىشنى ۋەكىللەر ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ساداسىغا دەرھال جاۋاب قايتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلسا.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ماقۇللاندى.