«يېڭى دەۋرگە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى» : دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرەيلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-15 12:19

بۇ يىل 2-ئايدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «جۇڭگونىڭ مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش2035»نى ئېلان قىلدى، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش باش تېما قىلىنغان ئوتتۇرا ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك پىلانى رەسمىي بارلىققا.

مائارىپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، تۆھپىسى بۈگۈنكىلەرگە بولىدىغان، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان مۇھىم قۇرۇلۇش، بۇ خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. مائارىپ دۆلەتنىڭ ۋە پارتىيەنىڭ چوڭ ئىشى.

2018-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يىراق تارىخىي ئورۇن، تېخىمۇ كەڭ خەلقئارالىق نەزەر دائىرە، تېخىمۇ ئۆتكۈر ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدا ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك لايىھە چىقىرىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئالدىن تۇتقۇسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا مائارىپنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇشىمىز، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى بىلەن ماسلاشتۇرۇشىمىز، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى ئورنى بىلەن ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ قۇدرەت تاپسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ئالىي مائارىپ بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جىن باۋكاڭ: يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى سېلىنمىسى داۋاملىق كۆپەيدى، ئالىي مائارىپتا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى،دېدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جياۋ شىنئەن مۇنداق دەپ قارىدى: ئالىي مائارىپنىڭ نەتىجىسىنى قانداق قىلىپ تولۇق قېزىپ، پەن-تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش-ئىنتايىن مۇھىم.
ئاساسىي مائارىپ-بىر دۆلەتنىڭ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئۇل تېشى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شۈ جيۇپىڭ مائارىپنىڭ ئۆزىگە ئەھمىيەت بېرىش، بالىلارنى ئاخىرقى لىنىيەدە ئۇتتۇرۇپ قويماسلىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش تېخىمۇ مۇھىم، دەپ مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: مائارىپ ئادەم تەربىيەلەيدۇ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىش كېرەك، ئاخىرقى لىنىيەدە ئۇتتۇرۇپ قويماسلىق مۇھىم، ئۇ يەنە ئاتا - ئانىلارنىڭ سەگەك بولۇشىنى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى، بولۇپمۇ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىنى، بالىلارغا ئادەم بولۇشنى ئەدەپلىك بولۇشنى، تۇرمۇشنى ئۆگىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

نامرات رايونلاردىكى بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش-نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈزۈپ تاشلاشنىڭ مۇھىم يولى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى گۇاڭيۈ مۇنداق دېدى: ھازىر نامرات رايونلارنىڭ مەكتەپ قۇرۇلۇشى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ناھايىتى كۆپ ياخشىلاندى، قاتتىق دېتال ئەسلىھە قۇرۇلۇشى نىسبەتەن مۇكەممەللەشتى، لېكىن يۇمشاق دېتال، ئوقۇتقۇچىلار جەھەتتە شەھەرلەرگە قارىغاندا يەنىلا مەلۇم پەرق بار، نامرات باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى بالىلارنى شەھەرلەرگە كىرىپ بىر قەدەر ياخشى مەكتەپلەردە مائارىپ تەربىيەسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، بۇ ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىشىدە ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ.

ھۈنەرۋەنلىرىمىز مىللەتنىڭ تۆرىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، كەسپىي مائارىپ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ بۆشۈكى دەپ قارىلىدۇ. بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالىي كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىگە ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىشىگە ئىلھام بېرىش، بۇ يىللىق كۆلەمنى بىر مىليونغا يەتكۈزۈش كېرەك. بۇ بايانلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋۇ جىيوڭنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى مۇستەقىل يېتىلدۈرۈش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك، جەمئىيەتنىڭ كەسپىي مائارىپقا بولغان بىر تەرەپلىمە قارىشىنى تۈزىتىش كېرەك .

دۆلەت كۈچىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئادەمدىن، ئىختىساسلىقلار ئۆگىنىشتىن كېلىدۇ. ياشلار- دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى. ۋەتەننى سۆيۈش، ئىرادە تىكلەش، ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، تىرىشىپ ئىشلەش كېرەك، بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىلى 5-ئايدا بېيجىڭ داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە يېڭى دەۋردىكى ياشلاردىن كۈتكەن يېڭى ئۈمىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئالىي مائارىپقا ئېھتىياجلىق، پەن - تېخنىكا بىلىملىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق، ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ تەخىرسىز. سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش-پارتىيەمىزنىڭ مائارىپ فاڭجېنى، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ ئورتاق بۇرچى. يېڭى دەۋردە بىر ئىش قىلىش كېرەك. سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت كۆرۈشىمىزدە ئارزۇيىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

يېڭى دەۋردە بىرەر ئىش قىلىش كېرەك. بۇ جاراڭلىق سۆزلەرنىڭ كەينىدە، 100 يىللىق نامراتلىق، ئاجىزلىق، قالاقلىق، بوزەك بولۇشتەك جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخى بار. ئىككى 100 يىلنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپقا بولغان ئېھتىياجى مەڭگۈ قانمايدۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكا بىلىملىرى ۋە ئالاھىدە ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى داۋاملىق كۈچەيمەكتە.

2035-يىلىغا بارغاندا جۇڭگو مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ، ئېلىمىزنىڭ ئۆگىنىش تىپىدىكى چوڭ دۆلەت، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت ۋە ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. شۇ چاغقا بارغاندا، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، ئەڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلىنىدۇ.