خەن جېڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ تۈنۈگۈن تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

خەن جېڭ مەملىكەتلىك ئۆي-زىمىن بازىرىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى ۋە دۆلەتلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇش، ئىشلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئارقىدىن سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئۆي-زىمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزمى خىزمىتىنى قاناتيايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ۋە سۆز قىلدى.

خەن جېڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي تۇرالغۇ قىلىش» تەلىپىدە باشتىن-ئاياق چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، ئۆي-زىمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تولۇق جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئۆي-زىمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزمى بەرپا قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان زور تەدبىر، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ، ئۇ ھەم زور ئىقتىسادىي مەسىلە، ھەم زور خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى. خەن جېڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئۆي-زىمىن بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، بازار كۆزلىمىسى بارغانسېرى ئەقىلگە ئۇيغۇن بولماقتا. بىر شەھەر بىر تەدبىر قوللىنىش، شەھەرگە قاراپ تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، نېمە مەسىلە بولسا شۇنى ھەل قىلىش، ئۆي-زىمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزمى لايىھەسى سىنىقىنى مۇقىم يولغا قويۇش، يولغا قويۇش جەريانىدا ياخشى باھالاش ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش؛ يەر باھاسى، ئۆي باھاسى، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتەك تەڭشەپ تىزگىنلەش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شەھەرلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆي-زىمىن بازىرىدىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش؛ ئىلمىي نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ۋاقتىدا، توغرا، تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بۈيۈك مەلۇمات ئاساس قىلىنغان مەملىكەتلىك ئۆي-زىمىن بازىرى نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تېزدىن قۇرۇپ، ئۆي-زىمىن بازىرى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۈنۈملۈك تەڭشەپ تىزگىنلەشنى تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.