شى جىنپىڭ ئىتالىيە رىم دۆلەتلىك ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا ئىتالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغان پەيتتە، ئىتالىيە رىم دۆلەتلىك ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ مۇدىرى رېئالى ۋە تولۇق ئوتتۇرىنىڭ سەككىز ئوقۇغۇچىسى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قىزغىن كۈتىۋاتقانلىقى ۋە جۇڭگو-ئىتالىيە دوستلۇق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى يېڭى دەۋر جۇڭگو-ئىتالىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئەلچىلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، ساۋاقداشلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى خەنزۇ تىلىدا راۋان ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدۇم. مەكتىپىڭلاردا خەنزۇچە خەلقئارا تەبىئىي پەنلەر تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىلىپ، جۇڭگو-ئىتالىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان بىر تۈركۈم ياشلار تەربىيەلىنىپتۇ. ساۋاقداشلار خېتىدە كۇڭزى دەرسخانىسى تۈرى ئارقىلىق جۇڭگونى يېقىن ئارىلىقتىن چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى، دۇنيانىڭ كەڭلىكى ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپتۇ. بۇ سىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجەڭلار. سىلەر جۇڭگو-ئىتالىيە ياشلار ئىدىيە سۆزلىشىشى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئىتالىيە خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئىرادە باغلاپسىلەر، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن. سىلەرنىڭ يېڭى دەۋرنىڭ ماركو پولوسى بولۇپ، جۇڭگو-ئىتالىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئەلچىلىرىگە ئايلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: ياشلىق ھامان غايىگە ھەمراھ. سىلەر تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپسىلەر. سىلەرنىڭ ياشلىقنى قەدىرلەپ، ياشلىقنى چىڭ تۇتۇپ، غايەڭلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇشۇڭلار ۋە خىزمەت قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن، جۇڭگونىڭ سىلەر ئارزۇ قىلىدىغان جايغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىتالىيە رىم دۆلەتلىك ياتاقلىق مەكتىپى ئىتالىيەدىكى داڭلىق مەكتەپ، بۇ مەكتەپ 2009-يىلى بەش يىللىق تۈزۈمدىكى خەنزۇچە خەلقئارا تەبىئىي پەنلەر تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىتالىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۇڭزى دەرسخانىسى تەسىس قىلغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتى ئۆگىنىشى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان.