مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتگۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى جەريانىدا قىلغان مۇھىم سۆزلىرى ۋە يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كوپارتىيىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى جەريانىدا قىلغان مۇھىم سۆزلىرى ۋە يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى، ئاساسلىقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش، نازارەتچىلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىنى چۆرىدەپ نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىن جەريانىدا قىلغان مۇھىم سۆزلىرى ئاجايىپ يىراقنى كۆرەرلىككە، بۇرۇچنى زىممىسىگە ئېلىش ۋە خەلققە بولغان چوڭقۇر مىھرى مۇھەببەتكە تولغان بولۇپ، يادرونىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولىنى تېخىمۇ جانلىق نامايان قىلدى، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم يىتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنى، مۇھىم يول يورۇقلىرىنىڭ روھى ۋە يىغىن ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇيىللىق خىزمەتلىرىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش لازىم. 1-دىن: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مۇھىم ئىدىيىسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نەزىرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. 2-دىن: مۇھىم قانۇن لايىھەلەرنى تۈزۈش، قاراپ چىقىش، تەشكىلىي ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز مۇددىتىدە قاراپ چىقىشقا سۇنۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇرۇنلاشتۇرغان قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاش لازىم. 3-دىن: بۇلغۇنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر، دەل قانات يايدۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خام چوت، نەق چوتنى تەكشۈرۈش نازارەتچىلىك قىلىش ۋە دۆلەت مۈلۈكىنى باشقۇرۇش، نازارەتچىلىك قىلىشىنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ كۈچ چىقىرىش لازىم. 4-دىن: ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى يىغىپ تەھلىل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، تېزدىن بىر تۇتاش ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى ۋە تەشكىلىنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك.