لى كېچياڭ «گوۋۇيۈەنىڭ بىر قىسىم مەمۇرىي قانۇن بەلگۈلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، «گوۋۇيۈەننىڭ بىر قىسىم مەمۇرىي قانۇن بەلگۈلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلىپ، بىر قىسىم مەمۇرىي قانۇن بەلگۈلىمىلەرنىڭ بىر قىسم ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى.

ئورگان ئىسلاھاتى جەھەتتە، بىرىنچىدىن، ئىمپورت-ئېكىسپورت تاۋارلىرىنىڭ ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنى نىزامى قاتارلىق 29 مەمۇرىي قانۇن بەلگۈلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزلدى. ئىككىنچىدىن: ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى قاتارلىق 8 مەمۇرىي قانۇن بەلگۈلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزىلدى. ئۈچىنچىدىن: مەملىكەتلىك بۇلغۇما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نىزامى قاتارلىق 4 مەمۇرىي قانۇن بەلگۈلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزىلدى. تۆتىنچىدىن: خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇش نىزامى قاتارلىق 4 مەمۇرىي قانۇن بەلگۈلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزىلدى. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھۆقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتى جەھەتتە، توك بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىشلىتىش نىزامى قاتارلىق 14 مەمۇرىي قانۇن بەلگۈلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزىلدى ھەمدە توكچىلارنىڭ تورغا كىرىپ مەشخۇلات قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش قاتارلىق 15 تۈرلۈك مەمۇرىي قانۇن بەلگۈلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزىلدى.