باش شۇجى شى جىنپىڭ مەكتەپلەردىكى ئىدىيىۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ياش – ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى كىشىلىك ھاياتنىڭ”غول تارتىپ باشاق تۇتۇش مەزگىلى“بولۇپ، ئەڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلەش ۋە ئۆستۈرۈشكە مۇھتاج. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئەخلاقلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ھالقىلىق دەرس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىدىيەۋىي سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىك ئوقۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۇ خەيلياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى رەئىس سەھنىسىگە چىقىپلا مائارىپىمىزنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئەخلاقلىق ئادەم تەربىيىلەش دېدى،ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىدىيىۋى سىياسى دەرسنىڭ ئەخلاقلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى ھالقىلىق دەرس، تەڭداشسىز دەرس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى؛ مەن بۇ ئىككى جۈملە سۆز بۈگۈن بىزگە بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈردى دەپ ئويلايمەن.

شاڭخەي قاتناش داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى شى سوخۇا مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە راستچىللىق، ئاق كۆڭۈللىك، گۈزەللىك ئۇرۇقىنى كۆمۈش؛ ئوقۇغۇچىلارنى ھاياتىدىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشكە يېتەكلەشتە ئىدىيىۋى سىياسى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر . باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي، تۇيغۇ، تەپەككۇر، نەزەر، تەلەپچان بولۇش، ئىنسانىي پەزىلەت قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن ئىدىيىۋى سىياسى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتا تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئىدىيىۋى سىياسى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى غايە ۋە ئېتىقادتىن ئىبارەت بۇ بايراقنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە تىكلەش؛ ئۆزىنىڭ دۆلەت ، جەمئىيەت، خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھرى مۇھەببىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش. مەن بۇرۇنقىدەكلا ھەقىقىي ھېسسىياتىم بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيىسىنى ساۋاقداشلار بىلەن بىللە ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل راستچىللىق، ئاق كۆڭۈللىك ، گۈزەللىك ، ئېھتىياجىغا ئايلاندۇرىمەن.

فۇدەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئالىي لېكتورى چېن گو مۇنداق دېدى:

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ، مېنىڭچە ئەھۋال، ۋاقىتقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىشقا قاراپ يېڭىلاپ ، ئەھۋالغا قاراپ يېـتەكـچىـلىك قىلـىپ، ساۋاقداشلارنىڭ ھەر قېتىملىق قىيىنچىلىقىنى چىڭ تۇتۇپ ، قېيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، قىممەت قارىشى تەربىيىمىزنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىشىمىز لازىم.

جۇڭگو خەلق داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ جيەنجۈن مۇنداق دېدى : ئىدىيىۋى سىياسى دەرسى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇپ ، سىياسىي مەيدانىمىزنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مۇشۇنداق مەردانە روھ ۋە جۇشقۇن روھ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرۇشىمىز لازىم.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ئىدىيىۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىك ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىدىيىۋى سىياسى دەرسىنىڭ ئىدىيىۋىلىكى، نەزەرىيىۋىلىكى ۋە بىرىكىش كۈچى، قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش لازىم .ئەتراپلىق ئىلمىي تەھلىل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب قايتۇرۇش، ئەتراپلىق ئىدىيەۋى نەزەرىيە ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىش، ھەقىقەتنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش كېرەك.

داليەن دېڭىز ئىشلىرى داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چۈ جيەنۋۇ مۇنداق دېدى:

بىز چوقۇم دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشىنى مۇھىم بازا دەپ قاراپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىشىلىك ھاياتقا يېتەكلەشتە ناھايىتى ئاچقۇچلۇق رول ئوينايمىز.

چىڭخۇا داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ئەي سىلىن مۇنداق دېدى: ئىدىيىۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى بىر يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك ئىنتايىن كۈچلۈك دەرس بولۇپ ، گۇمانتارلىق ئىجتىمائىي پەننىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ؛ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، پارتىيىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىگە قاراپ ماڭىدۇ، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقاتىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرىدۇ ؛بىزنىڭ ئىدىيىۋى - سىياسىي دەرسىمىز بۇ يۆنىلىش بويىچە ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك .