دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى سېرگىيو ماتتارېللا، موناگو كېنەزلىكىنىڭ رەھبىرى شاھزادە ئالبېرت Ⅱ ۋە فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بۇ ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 3-ئاينىڭ 18-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە زۇڭتۇڭ سېرگىيو ماتتارېللا، زۇڭلى كونتې بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، كېڭەش پالاتا باشلىقى ئېلىزابېتتا كاسېللاتى ۋە ئاۋام پالاتا باشلىقى روبېرتو فىكو بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشىدۇ، جۇڭگو-ئىتالىيە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىتالىيەدە يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتىگە يېڭى دەۋر مەزمۇنى ئاتا قىلىدۇ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئالدىنقىلارغا ۋارسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ موناكودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە شاھزادە ئالبېرت Ⅱ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو-موناكو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ موناكودا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، جۇڭگو-موناكو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
گېڭ شۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، زۇڭلى فىلىپ، خەلق پارلامېنتى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشىدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-فىرانسىيە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىغا توغرا كەلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.