مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلىنغان «پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى»نى تارقاتتى. نىزام ئاشكارە ئېلان قىلىنغان پەيتتە، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «كادىرلارنى تەيىنلەش نىزامى» مۇھىم پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزامى، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، تەيىنلەش خىزمىتىدىكى ئاساسىي قوللانما. بۇ نىزام ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، رەھبىرىي كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، تەيىنلەش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھاياتى كۈچكە ئىگە ئادەم تاللاش، ئىشلىتىش مىخانىزمى ئورنىتىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رول ئوينىدى ۋە مۇھىم تۆھپە قوشتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى مەزگىلدىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش، ئىشلىتىش تۈزۈم مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم تاللاش، ئىشلىتىش سىياسىي ئۆتكىلى، ئەخلاق ئۆتكىلى، ئىقتىدار ئۆتكىلى، ئىستىل ئۆتكىلى، پاكلىق ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئادەم تاللاش، ئىشلىتىش ئىستىلىنى قەتئىي توغرىلاپ، ئادەم تاللاش، ئىشلىتىش خىزمىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىشى، زور ئۆزگىرىش بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋر پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەمىزنىڭ ئادەم تاللاش، ئىشلىتىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى نىزامغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك تەدبىقلىنىدىغان تۈزۈم-قائىدىگە ۋاقتىدا يۈكسەلدۈرۈپ، پۇختىلاپ، چىڭ تۇرۇش – سادىق، پاكىزە، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسپىي كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «كادىرلارنى تەيىنلەش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.