جايلار شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭنىڭ بىرى قىلدى، شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كېيىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ يەنىلا مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى؛ ئەمدى ئېشىپ قالغىنى نامراتلار ئىچىدىكى ئەڭ نامراتلار، قىيىنچىلىق ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىق بولۇپ، ھەممىسى ئەڭ تەس مەسىلىلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانچە مۇھىم ئۆتكەلگە بارغانسېرى غەلبە قىلىش ئىشەنچىسىنى شۇنچە چىڭىتىش، ئىرادە جاسارەتنى شۇنچە ئۇرغۇتۇپ، غەيرەت بىلەن كۆرەشكە ئاتلىنىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، ھەقىقى، ئەمەلىي چىڭ تۇتۇپ، سىياسەتنى دەل يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئورۇندىلىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گەنسۇ جۇڭگو تىبابەتچىلىكى دورىگەرلىكى داشۆسىنىڭ پروفېسسورى گو مېي نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى. گەنسۇ جۇڭگو تىبابەتچىلىكى دورىگەرلىكى داشۆسى جۇڭگو تىبابىتى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى رولىنى جارى قىلدۇردى. گو مېي مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىپ بېيجىڭدىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپلا تەجرىبىخانىدا پەن تەتقىقاد ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو تىبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىش سۈپىتىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك، چۈنكى مۇتلەق كۆپ سانلىق دېھقانلارنىڭ ھەممىسى دورا ماتېرىيالىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغان، بىزنىڭ دورا ماتېرىياللىرىمىزنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىسا دېھقانلارنىڭ كىرىمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بىز ھازىر جۇڭگو تىبابىتى دورىسىنىڭ ماركا سۈپىتىنى ياراتماقچىمىز، بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلە.

يۈننەن ئۆلكىسى شاۋتوڭ شەھىرى يىلياڭ ناھىيەسى چياۋشەن بازىرى خەيبا كەنتىدە 90-يىللاردا تۇغۇلغان ياش ياڭ دېچياڭ بۇ جايدىكى ناھايىتى ئاز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرى، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، يۇرتداشلىرىنى گاسترودىيە ئوتى تېرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشكە يېتەكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ئۇنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىلى ئىكەنلىكى، غەيرەت ۋە جاسارەتنى ئۇرغۇتۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى، بۇ بىزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى، مەن ھازىر يۇرتۇمغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى گاسترودىيە ئوتىنى تېخىمۇ ئىلمىي تېرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشكە يېتەكلەپ، تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە توردا سېتىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مو بېشى كىرىمىنى 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرىمەن، بىز بوشاشماي نىشاننى كۆزلەپ، قىيىنچلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزىدە ئىشەنچنى چىڭىتىپ،تەۋرەنمەسلىك، نىشاننى چىڭ تۇتۇپ بوشاشماسلىق، مەسىلىنى تۈزىتىشتە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بوشاڭلىق قىلماسلىق قاتارلىق بىرقانچە جەھەتتىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى، ئۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىر مەيدان جەزمەن غەلبە قىلىش، ياخشى قىلىش شەرت بولغان جەڭ دەپ تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: نامرات ناھىيەلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن يايمىنى دەرھال يىغىشتۇرۇپ، يۈكتىن قۇتۇلدۇق دەپ، ئارام ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ، ئېشىپ قالغان نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى داۋاملىق ھەل قىلىپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىقى، ياردەمنى تاشلىماسلىقى، سىياسەتنى تاشلىماسلىقى، نازارەت باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقى كېرەك.
بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئېيتقان: قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن ۋە يېڭىدىن نامراتلاشقان نوپۇسقا ۋاقىتىدا ياردەم بېرىش كېرەك دېگەن سۆز جياڭشى ئۆلكىسى فېنيى ناھىيەسى فېڭياڭ يېزىسىدىكى نامرات نوپۇس ليۇ گېنيانىڭ قەلبىنى ھەسسىلەپ ئىللىتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەزدىن كەنتىمىزگىچە مۇشۇنداق ياخشى سىياسەتلەر باركەن، ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇشۇنداق كۆپ كادىرلار باركەن، مېنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىم بار، بۇ يىل ئۇلار مېنىڭ تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشىمگە ياردەم بەردى، بۇ يىل مەن چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن.

خۇبېي ئۆلكىسى جىڭجۇ شەھىرى جياڭلىڭ ناھىيەسى شاگاڭ بازىرى جيۇجياخۇ كەنتى ئۆلكە دەرىجىلىك نامرات كەنت، نامراتلارنى دەل يۆلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەمكارلىق + بازا+ دېھقانلار ئائىلىسى شەكىلى قوللىنىلىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى. كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى دۈەن چاڭيۈەندە : نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق دېگەن سۆز چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر بىزنىڭ كەنتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېرىلگەن 189 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە داۋاملىق نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئەلا سورتلۇق راك بالىسىنى تاللاپ، شال ۋە راكنى ئۇنىۋېرسال تېرىش، بېقىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ بازار سوبىكتىنىڭ تۈرتكىسىدە نامرات ئاھالىلەرنى تېخنكىدىن، سېتىشتىن غەم قىلدۇرماي، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىمىز.

گۈيجۇ ئۆلكىسى مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئەڭ ئېغىر ئۆلكىلەرنىڭ بىرى، ئۇزاقتىن بېرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان گۈيجۇ ئۆلكىسى يۈچىڭ ناھىيەسى بەينى بازىرىنىڭ خىزمەتچى خادىمى لياۋ جياچياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىنتايىن كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە، باش شۇجى ئاساسى قاتلامدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزنى دەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمدى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى چوڭقۇرلاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىردى، ئاساسى قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئاساسى قاتلام كەسپىنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماي، شۇغۇللىنىدىغان كەسىپگە ئىگە قىلىپ، ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.