شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:49

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، نۇرغۇن زور ئىسلاھاتلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە كىردى، ئىسلاھات ۋەزىپىسى قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، يۆنىلىشنى شۇنچە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى شۇنچە گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى قىيناپ تۇرغان شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى داۋاملىق گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتۇپ، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پەن تەتقىقاتتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئالاقىدار بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»، «سۈنئىي ئاقىل بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «يېزا-كەنتلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئاممىۋى بايلىق سودا سۇپىلىرىنى بىرىكتۈرۈپ ھەمبەھىرلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «نېفىت-تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورىنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»، «ئوت مۇداپىئە قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى چىڭ تۇتۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىدىن چىقىش قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش؛ كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىشنى چىڭ تۇتۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇشنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى يول ۋە رايون خاراكتېرلىك تۈگۈننى تېزدىن قۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، غەربىي رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن نوپۇس، بايلىق، مۇھىتىنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى-يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. ئالاقىدار تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشنى تېزلىتىپ، نەتىجە ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىش؛ دۆلەت نىشانلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرگە بۆلۈپ ئىسلاھ قىلىپ، سىياسەتنى دەل يولغا قويۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سۈنئىي ئاقىل بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، يېڭى ئەۋلاد سۈنئىي ئاقىل تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، بازارنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپتە قوللىنىشنى نىشان قىلىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈم مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئوخشىمىغان كەسىپ، ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قوللىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ يولى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق تۈرتكە بولغان، ئادەم بىلەن سۈنئىي ئاقىل ماسلاشقان، ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلغان، ئورتاق يارىتىپ تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان ئاقىل ئىقتىساد ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا-كەنتلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇش، جەمئىيەت ماسلىشىش، ئامما قاتنىشىش، قانۇنچىللىق ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت زامانىۋى يېزا-كەنت جەمئىيىتىنى تۈزەش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى چىڭ تۇتۇپ كۈچەيتىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلامچىلىرىنى ياخشى تاللاپ ۋە سەپلەپ، كەنت ئاھالىلىرى ئاپتونومىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يېزا-كەنتلەرنى تۈزەشتىكى سۇبيېكىتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاممىۋى بايلىق سودىسى سۇپىلىرىنى بىرىكتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھىرلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، كىرگۈزۈشكە تىگىشلىكلىرىنى چوقۇم كىرگۈزۈش، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئوچۇق ۋە ئاشكارە بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈمدە مۇلازىمەت قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇپىدا سودىلىشىشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرگە ئايرىش بىرلىككە كەلگەن سودا تۈزۈمى ۋە قائىدىسى، تېخنىكا ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سودىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىۋى بايلىقنى ئاشكارە سودىلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى بايلىق تەقسىماتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئادىللىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: نېفىت-تەبىئىي گاز تۇربىسى تورى تىجارىتى مېخانىزىمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بازالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلىدىغان، مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلەشكەن نېفىت-تەبىئىي گاز تۇربىسى تورى شىركىتىنى تەشكىللەپ، يۇقىرى ئېقىندا نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقىنى كۆپ گەۋدە، كۆپ يول بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئوتتۇرىسىدا بىرلىككە كەلگەن تۇربا تورىدا يۇقىرى ئۈنۈمدە مەركەزلىك توشۇيدىغان، تۆۋەن ئېقىندا سېتىش بازارلىرى تولۇق رىقابەتلىشىدىغان نېفىت-تەبىئىي گاز بازىرى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، نېفىت-تەبىئىي گاز بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان قانۇن مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت تۈزۈلمىسى مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق، تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان زامانىۋى ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىسېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوت مۇداپىئە قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەنبىيىدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر خىل نامۇۋاپىق تەلەپ ۋە چەكلىمىلەرنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، ئىش جەريانىدىكى ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوت مۇداپىئە قانۇنى ئىجراسى ئىشلىرىنى جەمئىيەتكە پۈتۈنلەي ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوت مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق مۇقىم ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، زور ئىسلاھاتلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل-مۇئامىلە، باج كېمەيتىپ ھەق تۆۋەنلىتىش، تىجارەت مۇھىتى، پەن-تېخنىكا، قانۇنچىللىق، ھۆكۈمەت باشقۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئامما دىققەت قىلىۋاتقان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ئىسلاھات ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: بۇ يىل ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات دۇچ كېلىۋاتقان خېيىم-خەتەر ۋە خىرىس بىر قەدەر كۆپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى پەملەپ، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىسلاھاتنى مۇقىم، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات جەريانىدا پەيدا بولغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سىياسەت ۋە تۈزۈم لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ خېيىم-خەتەر ئېڭىنى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقلارنى تولۇق مۆلچەرلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كەڭ ئويلىشىپ، ھەربىر خىزمەتنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەش كېرەك. ئىسلاھات ۋەزىپىسى ھەقىقىي ۋەزىپە، بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت ئېغىر، شۇڭا دەرىجىمۇ-دەرىجە تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىش قىلىشنى ئويلاپ، ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، تىرىشىپ ئىش قىلىپ، ئىش قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈشتىن، تەكرار تەكشۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. يىغىنغا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سىرتتىن قاتناشتى.