لى جەنشۇ لائوس دۆلەت قۇرۇش فرۇنتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ تۆنۈگۈن خەلق سارىيىدا لائوس دۆلەت قۇرۇش فرۇنتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي سۇڭپېڭ بىلەن كۆرۈشتى. لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن لائوس ياخشى خوشنىلار، ياخشى دوستلار، ياخشى يولداشلار، ياخشى شېرىكلەر. جۇڭگو لائوس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، لائوس بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، بىر بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەردە بىر بىرىنى قوللاپ، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىغە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى لائوس قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، جۇڭگو بىلەن لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. سەي سۇڭپېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە لائوس-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايمىز. ئىشىنىمەنكى، «بىر بەلباغ بىر يول» ھەمكارلىقى لائوسنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىغە بەخت يارىتىدۇ. شېن يۆيۆ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.