جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 8-قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 8-قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيى تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا بېرىپ تەبرىكلىدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىىغا بىنائەن، «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش يېڭى مۇساپىسىدا يېڭى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگىمىزگە ئېلىپ يېڭى رولىمىزنى جارىي قىلدۇرايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. گو شېڭكۈن ئالدى بىلەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قانۇنشۇناسلىق ۋە قانۇن خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

گو شېڭكۈن سۆزىدە مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرمىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشقا بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، قانۇننى ئىلمىي تۇرغۇزۇش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەدلىيەنى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇم خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا تارىخىي نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ياخشى قانۇن بىلەن ياخشى ئىدارە قىلىش يېڭى يۈكسەكلىكىگە مۇقىم قەدەم تاشلىدى. ھەر دەرىجىلىك قانۇنشۇناسلىق جەمىيەتلىرى قانۇنشۇناسلىق ۋە قانۇن خىزمەتچىلىرىنى تۆھپە يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. گو شىڭكۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭنى» كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچنى» چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداپ»، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى، سوتىسيالىستىك قانۇنچىل دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنى راۋاجلاندۇرغۇچىلار، ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابىليەتلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرگۈچىلەردىن بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن دەۋر مۇساپىسىدا ئۇلۇغۋار نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، چېن شى، جاۋ كېجى، جۇ چياڭ، جاڭ جۈن، ۋاڭ يۇڭچىڭ ئېچىلىش موراسىمىغا قاتناشتى. 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لېچۇەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە 7-نۆۋەتلىك كېڭەشكە ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتىسيالىزىم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلىرىنى يەكۈنلەپ، بۇندىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭىشى ۋە رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى سايلاپ چىقىش. مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى مەملىكەتلىك 8-قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى، تەكلىپلىك ۋەكىللەر ئېچىلىش موراسىمىغا قاتناشتى.