جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىق ئاساسى ئېقىم، تەڭ ئۇتۇق قازىنىش نىشان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:47

جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە رىقابەتكە قانداق قاراش كېرەك؟ بۇ نۆۋەتتە ھەر قايسى تەرەپلەر دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا.

يېقىندا ئاياقلاشقان 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىشىدە، ئىككى تەرەپ بىردەك: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق رىقابەتتىن زور، ئورتاق تونۇشمۇ ئىختىلاپتىن كۆپ، دەپ ھېسابلىدى.

نۆۋەتتىكى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ھازىرقى ھالىتىگە قارىتا، سۆزلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ يۇقىرى باھا بەردى. دۆلەت كومىسسارى قۇشۇمچە دىپلوماتىيە مىنستىرى ۋاڭ يى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسى ۋە كۆلىمى تارىخىتىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۈرماقتا، دېدى. ياۋروپا ئەللىرى ئتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى مۇغەيرىنى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تەرەققىياتى مىسلى كۆرۈلمىگەن كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇقتا تۇرماقتا، دەپ ھېسابلىدى.

تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىشىدىن باشقا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنستىرلىرىمۇ جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 44 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى كوللېىكتىپ سۆزلىشىشى ئۆتكۈزدى. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىشىنىشنى ئاشۇرغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، دۇنياغا جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى ئېنىق سىگنالنى قويۇپ بەردى.

جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى 15 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەر قايسىسى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتتا كەم بولسا بولمايدىغان ھەمكارلىق شېرىكلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلام، كۆپ ساھەلەردە سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىش ياخشى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، سىز بار يەردە مەن بار، مەن بار يەردە سىز بار، دېگەندەك مەنپەئەت بىرىكىپ كەتكەن.

جۇڭگو بىلەن ياۋروپا قورۇقچىلىق تەتۈر شامىلى ئالدىدا ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنى قوغداش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش ساداسىنى چىقاردى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا كۈنسېرى كەسكىن بولىۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا قارىتا، «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ تولۇق، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە پائال تۈرتكە بولدى، رايون توقۇنۇشى ئالدىدا، خەلقئارا قانۇن، پرىنسىپ بويىچە خەلقئارا ماجرالارنى تىنچ ھەل قىلىشقا كۈچ چىقاردى.

جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقلىقى، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشچانلىقى، ئىستراتېگىيەلىكلىكى ئاشماقتا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەت، ئورتاق مەيدان، ئورتاق نىشانمۇ كۆپەيتمەكتە. ۋاڭ يى سۆزلىشىش يىغىنىدا جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ «10 ئورتاق تونۇشى»نى شەرھىيلەپ، «يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور» دېيىش ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىق كەلگۈسىنى سۈرەتلەپ بەردى.

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇدا 14 يىل جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلدى، جۇڭگومۇ بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 2- چوڭ سودا شېرىكىغا ئايلاندى. بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ ياۋروپادىكى كارخانىلار جۇڭگودا كەسىپلىرىنى كېڭەيتمەكتە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىشىدىكى مۇھىم مەنزىل جايى بولۇپ قالدى.

نۆۋەتتە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلىغى تاشقى مەبلەغ ساقلانما مىقدارىنىڭ %4نى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگونىڭ مەبلىغى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى قوبۇل قىلغان تاشقى مەبلىغى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %2نىلا ئىگىلەيدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ سودىغا مەبلەغ سېلىش، تېخنىكا ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ كېڭىيىش بوشلۇقى ئاشماقتا. ئەمەلىيەتتە، ياۋروپادىكى نۇرغۇن سەزگۈر كارخانىلار «جۇڭگو پۇرسىتى»نى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بازارلىرىغا قىزغىن ئاتلىنىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىدىن مەنپەتلەنگۈچىگە ئايلاندى. BMW،BASFدىن AXA، ALLianzغىچە، ياسمىچلىقتىن پۇل-مۇئامىلە كەسپىگىچە، ياۋروپادىكى كارخانىلارنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش خەۋىرى ئۈزۈلمىدى.

پىشقان ھەمكارلىقتا ئەزەلدىن رىقابەت ۋە ئىختىلاپتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ ئىككى تەرەپ ئىجابى پوزتسىيە بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. دىپلوماتىيە مىنستىرى ۋاڭ يى ئېيتقاندەك، مۇۋاپىق ۋە ياخشى بازار رىقابىتى ھەر قايسى تەرەپنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ ئېلاستىكىلىققا، تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە. مۇغەيرىنى مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان يېڭى سىياسەت ھۆججىتى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئورنىنى ئالمايدۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشتىن-ئاخىر ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش نۇقتىسىدىن ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا رىقابەتتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ھەمكارلىق يەنىلا ئاساسى ئېقىم، تەڭ ئۇتۇق قازىنىش نىشان. ئىشىنىمىزكى، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى پائال كۈچەيتىسىلا، جۇڭگو- ياۋروپا مۇناسىۋىتى ئۇزاققىچە مۇقىم يۈرەلەيدۇ.