خەن جېڭ 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ تۈنۈگۈن 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ قىشىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليۇرقىنىڭ روھىنى ئۈگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، كېلەر باسقۇچتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىپ ئورونلاشتۇرۇلدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقىنىڭ روھىنى باشتىن-ئاخىر تەييارلىق قىلىش خىزمىتىگە سېڭدۈرۈپ، ئىسىل، ئۆزگىچە، قالتىس مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش نىشانىنى كۆزلەپ، تۈرلۈك تەييارلىق ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەيدان-ساراي ۋە يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەيدان-سارايلارنى يۈرۈشتۇرۇش خىزمىتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سىناق جەريانىدا مەسىلىنى بايقاپ ۋە ھەل قىلىپ، بىر پۈتۈن مەيدان-ساراي يۈرۈشتۇرۇش سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. مۇسابىقىگە تەشكىللەش ۋە مەيدان-سارايلارنىڭ قاتتىق دىتال ئەسلىھەلىرىنى سىناق قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يۈرۈشلۈك سىناق مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەپ، «بېيجىڭدا ئۇچرىشايلى» ناملىق يۈرۈشلۈك قىشلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك. سىستېمىلىق پىلانلاپ لايىھەلەش، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپى بويىچە، ياتاق، يىمەك-ئېچمەك، قاتناش، ئامانلىقنى ساقلاش، داۋالاش قاتارلىق مۇسابىقە مۇلازىمىتى كاپالىتى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، قىشىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىغا مىڭ كۈن قالغانلىقى، ناخشا ۋە شۇئار توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، قۇت بۇيۇمىنى تاللاش ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىي ئىجادىيەت لايىھەلىرىنى باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. «ھەممە تۈرلەردە مۇسابىقىگە قاتنىشىش» ۋە «300مىليون ئادەمنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» نىشانىنى چۆرىدەپ، قىشىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قاز-مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى بېيجىڭ-تىيەنجىن-خېبېنىڭ ماس تەرەققىياتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۇرۇپ، بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ رايونلىرىنىڭ قاتناش، ئېكولوگىيە، كەسىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى پاك ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەممىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىشىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنىڭ نۇقسانسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۈن چۈنلەن، سەي چى، 24-نۆۋەتلىك قىشىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.