ۋاڭ ياڭ لائوس دۆلەت قۇرۇش فىرۇنتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەيسۇڭپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا لائوس دۆلەت قۇرۇش فىرۇنتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەيسۇڭپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالى رەھبەرلىرى تارىخى خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن لائۇسنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشى جەھەتتە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋىردىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئالدىنقىلارغا ۋارسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك مۇھىم باسقۇچقا كىردى. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسى كېڭىشى لائوس دۆلەت قۇرۇش فىرونتى مەركىزى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش جەھەتتە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مول ئۈنۈملۈك ئۆز-ئارا ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن لائۇسنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشنى خالايدۇ.

سەيسۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكسەپ تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، لائۇس بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. سۆھبەت ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ۋاڭ ياڭ بىلەن سەيسۇڭپىڭ جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسى كېڭىشى بىلەن لائۇس دۆلەت قۇرۇش فىرۇنتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شيا باۋلۇڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.