ۋاڭ چىشەن فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لوچېن، ئىجرائىيە مىنىستىرى مېدىئالدېيا، مالىيە مىنىستىرى دومىنگۇس قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۈرەش بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

ۋاڭ چىشەن فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلماقتا، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مىڭ يىللىق دوستلۇق ئالاقە تارىخىي، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك يېتەكلىشىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. تىنچلىق-تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، جۇڭگو-فىلىپپىن خەلقى تىنچ تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىر-بىرىنىڭ تارىخىي رېئاللىقىغا بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، كەلگۈسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو فىلىپپىن قوللانغان بىر قاتار تەرەققىيات تەدبىرلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، فىلىپپىن بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ.

فىلىپپىن تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىلىپپىن ھۆكۈمىتى فىلىپپىن-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا كۈچ چىقىرىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىغا تېخىمۇ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ چىشەن كۈرەش بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ياخشى خوشنىلار. جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ دوستلۇقى ۋاقىت ۋە خەلقئارا بوران-چاپقۇنلارنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىسى كۆپەيدى، ئومۇميۈزلۈك ئىستېراتىگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدىكى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ياخشى ئەتراپ مۇھىتى يارىتىش- بىر دۆلەتنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ مۇھىم شەرتى. جۇڭگو پاكىستاننىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، خوشنا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، پاكىستاننىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قوللايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» جەھەتتىكى مۇھىم ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش تۈرلىرىگە تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

كۈرەش مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان جۇڭگونىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.