خەنجېڭ قازاقىستاننىڭ بىرىنچى مۇئاۋن زۇڭلىسى قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-21 17:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەينىڭ زىگۇاڭگې راۋىقىدا قازاقىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زوڭلىسى قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى ئىسمايلوف بىلەن كۆرۈشتى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-قازاقىستان دوست خوشنىلار ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلەر. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ نەزەربايېفنىڭ ئىستراتېگىيىلىك يېتەكلىشى ۋە بىۋاستە تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتى يۇقىرىي سەۋىيىنى ساقلاپ، دۆلەتلەر ئىناق بىللە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ئالاقىسى قويۇقلاشتى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول»نى بىرلىكتە بەرپا قىلىش نەتىجىلىرى مول بولدى. ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو - قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ مۇھىم رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، تامۇژنا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بازارلاشتۇرۇش، سودىلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە تۈر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىسمايلوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.