ۋاڭ چىشيەن پاكىستان ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى زۇباير بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشيەن 7-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭنەنخەيدە پاكىستان ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى زۇباير بىلەن كۆرۈشتى.

ۋاڭ چىشيەن مۇنداق دېدى: پاكىستان جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكى. خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانچىلىك ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، جۇڭگو بىلەن پاكىستان باشتىن-ئاخىر بىربىرىگە ئىشىنىپ، بىر بىرىنى قوللاپ كەلدى. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى ئىمرانخان بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى مول نەتىجىلىك بولدى، ھەمدە تولۇق، كەڭ، يۇقۇرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قاراپ قەدەم تاشلىدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، خەۋىپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

زۇباير مۇنداق دېدى: پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى تاغدىنمۇ يۈكسەك، دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر. پاكىستان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن قايىل، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ تەشەببۇسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى قەتئىي قوللايدۇ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.