رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش قوماندانلىق ئىشتابى ئۇرۇش قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى: ئامېرىكىنىڭ خۇسۇسىي شىركىتى سۈرىيەنىڭ نېفىتىنى ئوغۇرلاپ ساتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:06


جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش قوماندانلىق ئىشتابى ئۇرۇش قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رۇدىسكوي 7-ئاينىڭ 29-كۈنى موسكىۋادا تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ خۇسۇسىي ھەربىي شىركىتى سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى ئىفرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى رايونلاردا سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە نېفىتنى قانۇنسىز قازماقتا ۋە ئەتكەس قىلماقتا. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىلىقلار ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»دىن تارتىۋالغان نېفىتنى ئەتكەس قىلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ ھەمدە «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ ھاۋادىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكىلىقلار ئىفرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى بىر قانچە نېفىتلىكنى قېزىپ نېفىت ساتتى، بۇنىڭدىن قىلغان كىرىمنىڭ كۆپ قىسمىنى قانۇنسىز قوراللىقلارنى قوللاش، سۈرىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى كەيپىيات پەيدا قىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلەتتى.