دۆلەت كارخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقى باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

نۆۋەتتە يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى سۈرئەتنى تېزلىتىش مەزگىلىگە كىردى. مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى ئاچقان يەرلىكتىكى دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، گوۋۇيۈەن دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىش ئارقىلىق، شاڭخەي بىلەن شېنجىننىڭ «رايون خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلۈكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقى» ۋە شېنياڭنىڭ دۆلەت مۈلۈكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرى ھەم مۇھىم ھالقىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش مەخسۇس خىزمىتى رەسمىي باشلانغان.

مۇخبىرنىڭ شېنجېن، شاڭخەي، شېنياڭ دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتلىرىدىن ئۇقۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ جايلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى گوۋۇيۈەن دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن، ھازىر بۇ ئۈچ جاي رايون ۋە دۆلەت مۈلۈكىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىسلاھات ھەرىكىتى لايىھەسىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ئىسلاھاتلارنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرمەكتىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىسلاھات خىزمىتى 2022-يىلىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى رايون خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقى-بۇندىن بۇرۇنقى تەۋەلىك سىياسىتى بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى بۇزۇپ باشلايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن، شېنجېن، شاڭخەي، شېنياڭغا قاراشلىق يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۇ ئۈچ جايدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرى ۋە باشقا رايونلاردىكى دۆلەت كارخانىلىرىمۇ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەدبىقلاپ ئىجرا قىلسا بولىدىكەن.

بۇ يىل-دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدىكى ھالقىلىق بىر يىل دەپ قارالدى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا ئۈزلۈكسىز تەدبىر قوللىنىلدى، مائاش ئومۇمىي سوممىسىنى باشقۇرۇشتىن ھوقۇق بېرىش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكىچە، مەركەز كارخانىلىرىنى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەشتىن مەركەز بىلەن يەرلىك ھەمكارلىشىپ ئىسلاھ قىلىشقىچە-دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم سىنىقى سۈپىتىدە، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش-دۆلەت مۈلۈكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى تەدبىرگە ئايلاندى.

كەسپى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە ئىسلاھات سۈرئەتنى تېزلىتىش مەزگىلىگە كىردى، ئىسلاھات تەدرىجىي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شاڭخەي، شېنجىن ۋە شېنياڭدىن ئىبارەت ئۈچ رايون ئىچىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى داۋاملىق تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ شۇنداقلا ئىسلاھات جەريانىدا يەنە نۇرغۇن ئىسلاھات تەجرىبىلىرى جۇغلىنىپ، باشقا رايونلارغا نىسبەتەن نۇقتا ئارقىلىق يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىن قارىغاندا، ئىسلاھاتنىڭ مۇساپىسىمۇ داۋاملىق تېزلەشمەكتە.