لى كېچياڭ ئاساسىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە مۇھىم تەسىتىق سالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:04

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا ئاساسىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە مۇھىم تەسىتىق سالدى. تەستىقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاساسىي مائارىپ ھەربىر ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغان، دۆلەتنىڭ باي بولۇپ قۇدىرەت تېپىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۇل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈپەتنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، خەلق ئاممىسىنى رازى بولىدىغان ئاساسىي مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. ئامارىپ مەبلىغى ۋە بايلىقىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپنى تەرەققىي قىلىدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قىسىم رايونلاردىكى مەكتەپتە ئوقۇش تەس بولۇش مەسىلىسى ۋە نامرات ئائىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ بىللە بارغان پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قوبۇل قىلىشىغا، باشلىنىش نۇقتىسىدىكى ئادىللىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەسلى مائارىپىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق يولغا قويۇپ، يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش؛ ئالاقە تورى قوشۇلغان مائارىپنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى سۈپەتلىك ئوقۇتۇش بايلىقىدىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. مەكتەپتە بىخەتەرلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىخەتەر، ئاتا-ئانىلار خاتىرجەم بولىدىغان مەكتەپ مۇھىتى يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇتقۇچلارنىڭ ئاماشىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئاساسىي مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇنى قوللاشقا يېتەكلەپ، كەلگۈسى ئۈمىدنى بىرلىكتە يارىتىش كېرەك.

گوۋۇيۈەن تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك ئاساسىي مائارىپ خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈنچۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.