«مەمۇرلار قانۇنىنى ئىزچىل يولغا قويۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن مەمۇرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش ھەققىدىكى پىكىر» ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:04

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا «مەمۇرلار قانۇنىنى ئىزچىل يولغا قويۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن مەمۇرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش ھەققىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى، ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپىلار) شۇنداقلا ئۇنىڭ تەشكىلات (كادىرلار ئىشلىرى) تارماقلىرىدىن يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرلار قانۇنىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشنى جىددىي سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرلار قانۇنىنى ئىزچىل يولغا قويۇش بىلەن يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن مەمۇرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشنى بىرىكتۈرۈپ، ئېتىقادى چىڭ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، تىرىشچان، ئەمەلىيەتچىل، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالىدىغان، پاك مەمۇرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۈرگە ئايرىپ ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش؛ مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ مەنبە يولىنى كېڭەيتىپ، قوشۇن قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش؛ يېتىشتۈرۈش ۋە چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدار ساپاسىنى ئاشۇرۇش؛ باھالاش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رىقبەتلەندۈرۈش، قامچىلاش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق ئىستىلنى تاۋلاپ، كۈندىلىك باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بيۇكراتلىقنى كۈچەپ تۈزىتىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش قاتارلىق مەسىللەرنى قاتتىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش، باھالاش، ئىشقا ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، قالدۇرۇش، ئۆستۈرۈش، چۈشۈرۈش، مۇكاپاتلاش، جازالاش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق يولغا قويۇش كېرەك. توغرا رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنى يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك.